شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپونىيە سەپىرى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتتى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ياپونىيەگە بېرىپ، مۇھىم ئۇچرىشىشلار ۋە سۆھبەتلەردە بولغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ياپونىيەدىكى 5-قېتىملىق زىيارىتىنى يىغىنچاقلاپ سۆزلەپ بەردى.

ئۇ، 12‏-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى سالاھىيىتى بىلەن «ئىسە بۈيۈك ئىلاھ سارىيى» دا زىيارەتتە بولغان. 13‏-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى سەھەردە، ياپونىيە پارلامېنت بىناسىدا ياپونىيە پارلامېنتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ياپونىيەدىكى مەشھۇر ئۈچ چوڭ گېزىتنىڭ بىرى بولغان «سانكەي گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن، ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان «ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى» نىڭ مەركىزى بىناسىدا، «ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى فۇرىيا كېجى بىلەن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى توغرىلىق سۆھبەتلەشكەن. 16‏-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشىدا، «خىتايدىكى يادرو تەھدىتى» ناملىق يېغىندا مۇھىم قارار ۋە باياناتلار ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان، باش مىنىستىر ئىسمائىل چېڭگىز ۋە ھەمراھلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى پەۋقۇلئاددە ھۆرمەت ۋە ئىكرام بىلەن ئۆتكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمائىل چېڭگىز ئەپەندى، ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ياپونىيەدىكى تەسىرىنىڭ زورايغانلىقىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھۋالدىن تەپسىلىي خەۋەردار، ياپونىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاچىسى مۇقەددەس خانىم، ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ 5-قېتىملىق زىيارىتىنى مۇھىم ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاش بىلەن بىرگە، ھەر بىر پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىلىق سۆزلەپ بەردى.

مۇقەددەس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى باشلىق شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىنغان. ياپونىيە پارلامېنتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن، «سانكەي گېزىتى» ۋە «ئوساكا رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشقان ۋە «خىتايدىكى ئاتوم تەھتىدى» ناملىق يىغىن ئۇيۇشتۇرغان.

ئالاقىدار خەۋەرلەرگە كۆرە، 16-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئاتوم تەھتىدى» توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش يېغىنىغا، ئەنگلىيەدىن ئەنىۋەر توختى ئەپەندى، ئامېرىكىدىن ئېتان گېتمان ئەپەندى ۋە قىرغىزىستاندىن مىجىت ھۈسەيىنوف ئەپەندىلەر كېلىپ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا مۇھىم دوكلاتلارنى تەقدىم قىلغان.