بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتير فىرانسىيە «لوبىس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «خىتاينىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق چاقىرىقى يوشۇرۇن مەقسەتكە ئىگە» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. ئۇ ھەتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ «خاتا خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» قا مەجبۇرلانغان.
بولۇپمۇ، فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى ئۇرسۇلا خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراپ چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر 22-دېكابىر «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە تۈرلۈك مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن بەس-مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت، بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايدىن ھەيدىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن مۇخبىر ئۇرسۇلانى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلىشىدۇ؟ ئۇنىڭ گۇناھى زادى نېمە؟» دېگەندەك تېمىلاردا كۆپلىگەن مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن مەزكۇر ماقالىسى ھەققىدىمۇ بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئاقسۇ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 18-سېنتەبىر كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە دائىر مەلۇماتلار ۋە ئۇيغۇر رايوننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئائىت تەپسىلىي خەۋەرلەر بېرىلگەن.
ئۇ سۆزىدە، بىر قىسىم فىرانسۇزلار ھۆكۈمەتكە بۇ ئىش سەۋەبىدىن خىتايغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپلەرنى سۇنغان بولسىمۇ، بىراق فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا سوغۇق قانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئەركىن ئابلىمىت مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى چېكىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى فىرانسىيە جەمئىيىتىدە ئاڭلىتىشقا تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە «نيۇ-يورك ۋاقىت» گېزىتىدىكى مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولغان، توكيودىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رىنا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مەن ئۇرسۇلا خانىمدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاقسۇ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە دادىللىق بىلەن ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭ تەھدىتكە ئۇچراشلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز» دېدى.
تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە خەۋەر يوق. چۈنكى ھازىر تەيۋەندە سايلام ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەتبۇئاتلار سايلام تەشۋىقاتى بىلەن ئالدىراش. خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر رايونىدا ساقلىنىۋاتقان ۋە ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدا كىمىكى ھەقىقەتنى ياقلاپ ماقالە ۋە خەۋەر ئېلان قىلسا، شۈبھىسىزكى، بۇنداق ژۇرنالىست ۋە مۇخبىرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. خىتايدا ئۇرسۇلاغا ئوخشاش مۇخبىرلارغا تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئادەتتىكى بىر ئىش. خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00