0:00 / 0:00
17-يانۋار فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى پارىژ شەھىرىدە يىللىق خۇلاسە يىغىنى چاقىرىپ ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە ۋە ھېسابات ئېلىپ باردى.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا بۇ يىل ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قىسىم پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى قانداق قىلغاندا فىرانسىيەدە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن.
دىققىتىڭلار، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.