گېرمانىيەلىك مۇخبىر كىرىستىنې ئادېلخاردنىڭ ئۇيغۇر دىيارى سەپىرىدە دۇچ كەلگەنلىرى (2)

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئا ر د دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى كىرىستىنې ئادېلخارد ئىشلىگەن «ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىسى ھەمدە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل سۈپىتىدە زور دىققەت قوزغىغان.

«ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىگە تەئەللۇق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

پۇقرالار ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى كىشىلەرنى رادىكال قارشىلىق يوللىرىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كرىستىنې خانىم، «ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق بۇ فىلىمدا ئانا، كېلىن، ئوغۇلدىن ئىبارەت بىر ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىندە بېنزىن قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بارغان پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى دىققەتكە سۇنىدۇ. بۇ يەردە يەنە، خىتاي ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆي ئاختۇرۇپ «ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرى»نى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىگە ئائىت كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلىدۇ. خىتاي تەرەپ ئاتالمىش «رادىكال كۈچلەر»نى تۇتقاندا، ئائىلىلەردە قوللىنىدىغان ئامبۇر، ئەتۋىركە، لومتۆمۈر، چېنىقىش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارنى جىنايەت قوراللىرى ھېسابىدا جىنايى دەلىل قاتارىغا كىرگۈزۈپ تىزىپ كۆرسىتىدۇ.

فىلىمدا ئەكس ئەتتۈرۈلىشىچە، مۇخبىرلار ئۆزلىرىگە سايىدەك ئەگىشىۋېلىۋاتقان خوتەندىكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنى ئەتراپلىقراق زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يىتەلمىگەندىن كېيىن خوتەننى تاشلاپ، 28-ئىيۇل كۈنى ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن زور قەتلىئام ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن زىيارەتنىڭ 2-بېكىتى بولغان يەكەنگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇلار خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالايىتەن ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەيلىچە زىيارەت قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مەلۇمكى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنى ئەڭ راھەتسىز قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيېر خانىممۇ ئۆتكەن يىلى 18-نويابىر ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋەقەلىرىگە نىسبەتەن خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن 2015-يىلى 31-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، خەلقئارادا زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى. فىرانسىيەدىكى خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇرسۇلا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن خىتاي تەكىتلەۋاتقان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق يوقلۇقىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. خىتاي بۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت ئادەتلىرى بىلەن ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتقانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تۇتۇۋاتقان ھەقسىز مۇئامىلىسىنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ برېمىن پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئانتىيې گروتھېر خانىممۇ يېقىندا پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن دوكلاتىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملاردىن سىرت، خىتايدىكى ئادۋوكاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بارغانسېرى زور مۈشكۈلاتلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىگە چىقىشنىڭ زامانى كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

«ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشكە ئاساسلانغاندا، يەكەن ناھىيىسىمۇ 4 كىشىلىك چەتئەللىك بۇ زىيارەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى قارشى ئالمايدۇ. ئۇلار تاجىكىستاندىن 200 كىلومېتىر يىراققا جايلاشقان بۇ يۇرتتا يېقىندىلا زور بىر قەتلىئامنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ئۇلار يەكەنگە ئاياق بېسىپلا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ يۇرتتىن بىر ئۇيغۇر تەرجىمان تاپالمايدۇ. چەتئەللىكلەرگە تەرجىمان بولغان، مۇخبىرلارغا ياردەم قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھاللا تۈرلۈك بالالارغا يولۇقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ.

فىلىمدا يەكەندە يۈز بەرگەن 28-ئىيۇل ئېلىشقۇ قەتلىئامىدىن ئىلگىرى، دېھقانلارنىڭ ئالدى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكى، ئاندىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىپ نامايىش قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە ئوت قويۇش ۋەقەسىگە دائىر نەق مەيدان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلىدۇ. ئارقىدىنلا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەۋاتقان كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلىدۇ. بىراق، بۇ ۋەقەلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى، قانداق يۈز بەرگەنلىكى، قانچىلىك داۋاملاشقانلىقى يەنىلا سىر پېتىچە قالىدۇ. ئاپتور بۇ يەردىكى باستۇرۇشتا 96 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. «گەرچە ھۆكۈمەت، بۇ قېتىمقى قوزغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ‹تېررورچىلار› دەپ ئاتاپ قىرغىن قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلار ‹ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دېھقانلار ئىدى› دەيدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئالىدۇ.

فىلىمدا، مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى شۇ كۈنى كەچ يەكەن شەھەر مەركىزىدىكى «خانىش» مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشماقچى بولىدۇ. بىراق، مېھمانخانا خوجايىنى چەتئەللىك مۇخبىرلار كەلگەن ھامان ئالدى بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش زۆرۈرلۈكىنى، ئۇلارغا ياتاق بېرىشتىن ئىلگىرى ساقچىلارنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىش لازىملىقىنى ئېيتىپ، ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىدۇ. شۇھامان يېتىپ كەلگەن خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى مۇخبىرلارغا يەكەندە زىيارەت ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى، يەكەننىڭ ئالاھىدە رايون ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مۇخبىرنىڭ «قانداق ئالاھىدە رايون بۇ؟ بىلسەك بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمۇ جاۋابسىز قالىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا يەكەندە پەقەت بىر كېچە قونۇۋېلىشقىلا رۇخسەت قىلىدۇ. باشقا بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىدۇ. كېچىچە ئۇلارنىڭ ياتىقى ۋە مېھمانخانا دائىرىسى قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ. ئەتىسى تاڭ يورۇشى بىلەنلا مۇخبىرلارنى يەكەندىن چىقىپ كېتىشكە قىستايدۇ. كرىستىنې خانىم ھەمراھلىرىنى ئېلىپ يەكەندىن ئايرىلىپ، 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر شەھىرىگە قاراپ يول ئالىدۇ. پايلاقچىلارنىڭ ئاپتوموبىلىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ.