گېرمانىيەلىك مۇخبىر كىرىستىنې ئادېلخاردنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سەپىرىدە دۇچ كەلگەنلىرى (3)

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئا ر د دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى كىرىستىنې ئادېلخارد ئىشلىگەن «ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىگە تەئەللۇق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.

فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان قەشقەر بىخەتەرلىك كۈچلىرى، ئۇلار بۇ تارىخىي شەھەردىكى بۇزۇپ-چېقىشتىن ساقلىنىپ قالغان ئاخىرقى بىر قەدىمىي كوچىغا قەدەم بېسىشى ھامانلا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۈنىدۇ.

ئىنگلىزچىنى ياخشى بىلىدىغان خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر خادىملىرىدىن بىرى كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «قەشقەردىكى كونا رەستىلەرنى، نەقىشلىق ئۆيلەرنى، شەھەرنىڭ ھەرخىل كۆرۈنۈشلىرىنى فىلىمغا ئالساڭلار بولىدۇ. بىراق، بىرلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولساڭلار، چوقۇم ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشىڭلار كېرەك» دەيدۇ. بۇ خادىم يەنە ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن ئىككى نەپەر خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنى ئىما قىلىپ «مانا بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىلەر يەنە ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىشىڭلار كېرەك» دەيدۇ.

كرىستىنې خانىمنىڭ فىلىمدا تىلغا ئېلىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بۇ ئۈچ نەپەر خادىمى ئۇلارنى كېچە‏- كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ تۈرلۈك نامايەندىلىرى، ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ يارقىن ئۆرنەكلىرى بىلەن تولغان قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان خەلقنى چۈشىنىش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىرلار قەشقەردە ئاددىي شەھەر ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يىتەلمىگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇقادىر ساۋۇتنى زىيارەت قىلىدۇ. ئابدۇقادىر ساۋۇت بولسا، 2014-يىلى 30-ئىيۇل قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى جۈمە تاھىردىن كېيىن بۇ مەسچىتكە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن يەنە بىر ئىمام بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارغا قەشقەردە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەت سورۇنى 8 نەپەر خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنىدۇ. كرىستىنې خانىم بۇ سۆھبەت ھەققىدە توختالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي بېسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئابدۇقادىر ساۋۇتنى: «ھۆكۈمەتنىڭ ئۆگەتكەنلىرىنى يادلاپ بەردى، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلدى» دەيدۇ.

بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چىققان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى، فىلىمنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى گېرمانىيە خەلقىگە بىلدۈرۈشتە ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا پاكىتلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ برېمىن پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى سۇساننى گروبېن خانىم يېقىندا پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە فېدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا تەخىرسىز كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە، ئادۋوكاتلارغا ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىگە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كرىستىنې خانىمنىڭ فىلىمدا ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر ئىلىدا ئىلگىرى-كېيىن بىر ھەپتە تۇرغان. «چەكلەنگەن دۆلەت» نىڭ ماھىيىتىنى ئاز-تولا ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

بىراق، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئېغىر بىر سوئالنى يۈدۈپ قايتقان. ئۇ فىلىمنىڭ خاتىمىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ يالغۇز تېررورچىلارغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئېتنىك بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئەزاسىغا قارىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ كېلەچەك ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر مىللىي توقۇنۇش ئېلېمېنتلىرىنى باغرىغا يوشۇرغان مۇرەككەپ بىر ۋەتەن بولغانلىقىنى، بۇ بىر ھەپتىلىك زىيارىتى داۋامىدا خىتاينىڭ توسالغۇسى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈزۈكرەك بىر نەرسە بىلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمەي قايتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.