ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئۈچ چوڭ پارتىيىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرلىنغا بېرىپ، پارلامېنت بىناسىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق مۇھىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

24-نويابىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۈچ چوڭ پارتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە ئەسقەرجانلارنىڭ بېرلىندىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مۇھىم تېمىسى خىتاينىڭ پارىژدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورغا باغلاپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇش مەسىلىسى، ئىلھام توختى مەسىلىسى، تايلاندتىكى 59 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بولغان.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئوخشاش بولمىغان بۆلۈملەردە، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، 40 دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋاكالەتچىسى، ئۆز نۆۋىتىدە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىخائىل براند، گېرمانىيەدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە خرىستىئان سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن مارتېن پاتزېلت، ئانجىلىكا خانىم قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملار ئۇلارنى كۈتۈۋالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى ۋە ئەسقەرجانلار بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىدى ۋە بەزى مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.