فرانكفۇرت شەھىرىدە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

4-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر ۋە گېرمانلار خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، گېرمانلار ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرى ھەم ئەزالىرى قاتناشقان.

نامايىشتا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپلىرى شوئار قىلىپ توۋلانغان. ئۇيغۇرلارمۇ «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق» دەپ شوئار توۋلىغان.

«خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيەسى» نىڭ باش كاتىپى پەن يۇڭدۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى بۇ نامايىشتا بايانات ئېلان قىلىش، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق تەشكىلاتلار ئىمزا قويغان خىتاي مەركىزى كومىتېتى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا قارىتىپ يېزىلغان ئوچۇق خەتنى خىتاي كونسۇللىرىغا تاپشۇرۇش، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش، ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.

پەن يۇڭدۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمگە خاتىمە بېرىپ، دېموكراتىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىغا مېڭىشنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ‏- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەم ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنى بەربات قىلماسلىقنى، خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.»

ئۇ يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «بىزنىڭ شى جىنپىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىمىز كۆپۈككە ئايلاندى. خەلق كومپارتىيىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندى. خىتايدىكى ۋەزىيەت كۈنسېرى ناچارلاشماقتا، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىر خىتايلار، تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرى كومپارتىيەنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. خىتايدا پەقەت دېموكراتىيە ۋۇجۇدقا چىققاندىلا، بۇ ئۈمىدنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.»

نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى لوفاڭناما بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماسلىقنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن تۈگىمەس ئاپەت ۋە زىيانكەشلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. خىتاي خەلقىدىن سىرت، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى، ئېتىقادىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى. كومپارتىيىنىڭ بۇ خىلدىكى زوراۋانلىقى پۈتكۈل خىتايدا، جۈملىدىن بىزنىڭ مىللىي رايونلىرىمىزدا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە شۇلارنى بايان قىلدى: «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى كومپارتىيەنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەت ئىدى. بۇ ھەرىكەت 27 يىل ئىلگىرى قانلىق باستۇرۇلدى. ئۇنىڭ شاھىتلىرى مانا، ئارىمىزدا تۇرۇپتۇ. ئۇ قانلىق پاجىئەنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇرۇش كېرەك. ۋاقتى ئۆتتى، ئۆتمۈشكە تەئەللۇق ۋەقە، ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى دەپ ئۇنتۇپ كېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ ئەسلىمىنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش لازىم.»

دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى بۇ ۋەكىلى يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈشىمىزمۇ، كومپارتىيەنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمىزنى ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خورلۇقلارغا، كەمسىتىشلەرگە، قىرغىن قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.»

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندىمۇ نەق مەيداندا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭدىن بۈگۈنكى بۇ نامايىش سېپىگە قوشۇلۇشتىكى مەقسىتىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بىز بۈگۈنكى بۇ نامايىشتا ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلىك ھەقلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان بارلىق ئىنسانلارغا ئەركىنلىك تىلەۋاتىمىز. ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت، خىتاي دېموكراتلىرى ئوخشاش مەۋقەدە تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زوراۋان سىياسىتى ئاستىدا كىشىلىك ھەقلىرىدىن ئايرىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز.»

تەمسىلتو يەنە شۇلارنى ئەسكەرتتى: «تيەنئەنمېن ۋەقەسى بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقە. بۇ ۋەقەدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۆزىنىڭ خەلقىنى، ئوقۇغۇچىلىرىنى قانلىق قىرغىن قىلدى. بىراق، كومپارتىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى قىرغىنچىلىقلىرى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى باشلانغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز بۈگۈنكى بۇ نامايىشتا يالغۇز تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرى ئۇچرىغان قانلىق باستۇرۇشلارنىمۇ خاتىرىلەۋاتىمىز. پۈتكۈل خىتايغا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلاش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستانغا، تىبەتكە، جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە ئازادلىق تەلەپ قىلىۋاتىمىز. نامايىش سېپىمىزدا ھەممە مىللەتتىن ۋەكىللەر بار. بىز بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدا كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

بۈگۈنكى بۇ نامايىش سېپىگە گېرمانىيە ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ناخشا-مۇزىكا ئۆمىگىمۇ قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئەركىنلىك!» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان.

نامايىش خاتىمىسىدە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئونلىغان تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ، كېلەر نۆۋەتلىك خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.