گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇك 20-مارت باشلىغان خىتاي زىيارىتى ئەسناسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكرار تىلغا ئالدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى 5 كۈنلۈك زىيارەت، گېرمانىيە پرېزىدېنتىنىڭ 6 يىلدىن بۇيانقى خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، پرېزىدېنت گائۇكنىڭ 60 كىشىلىك زىيارەتچىلەر ئۆمىكى تەركىبىدە يەنە گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا يېڭىدىن مەسئۇللۇققا تەيىنلەنگەن بەربېل كوفلېرمۇ بار.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گائۇك ئەپەندى خىتايدىكى زىيارىتى ئەسناسىدا، بۈگۈنگە قەدەر بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە زىيارەتتە بولغان. بېيجىڭدىكى پارتىيە مەكتىپى ۋە شاڭخەيدىكى تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىنى تىلغا ئالغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ يەنە بۈگۈن شىئەننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت گائۇكنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئىشى گېرمانىيەنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى گائۇك بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مۇ شاۋپىڭ قاتارلىقلارنى توسۇپ قېلىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يىتەلمىگەن.
دىققەتنى چېكىدىغىنى، گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكنىڭ خىتاي زىيارىتى گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقاردى.
گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇك خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا، ئۇنىڭ خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتايدىكى خرىستىئانلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى بىر ھەپتىدىن بۇيان گېرمانىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.
19-مارت د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ باياناتى دەرھال كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان.
بۈگۈن دىلشات رىشىت بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى بەربېل ئەپەندى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن خىتايدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە ۋەكىللىرىنىڭ مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ ھەقتىكى باياناتنى بېيجىڭدىكى مۇخبىرلار ئارقىلىق خەلقئاراغا تارقىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ ئەسكەرتىش بەردى.
Http://www.gfbv.de تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 19-مارت كۈنى يەنە «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى خادىمى ئۇلرىك دېليۇس گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكقا ئوچۇق خەت يېزىپ «گېرمانىيە پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەركىنلىكى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ھەم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، فالۇنگوڭچىلار ھەم خىتايدىكى خرىستىئانلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، پرېزىدېنتقا يېزىلغان ئوچۇق خەتتىن سىرت، گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇك خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن 4 كۈن ئىلگىرى يەنە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي بىر مەلۇمات يوللىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.
ئۇ سۆزىدە، بۇ دوكلاتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تەقىبلەشكە ئۇچرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، خىتاي تۇتقا قىلىۋالغان بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پاترىك پوئونمۇ 19-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا، گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكتىن «ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى خىتاي دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈشى» نى ئىلتىماس قىلغان.
پاترىك پوئون باياناتىدا يەنە، گائۇك ئەپەندىنىڭ شەرقىي گېرمانىيەدىكى زامانلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۆزىنىڭ شەخسىي كۈرەش تەجرىبىلىرىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا سۆزلەپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.
گېرمانىيە ئاۋازىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «بېرلىن مېركاتور خىتاي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كىرىستىن خانىم گائۇكنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى پىكىر بايان قىلىپ «مەيلى تىبەت ياكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان باستۇرۇش بولسۇن ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قولغا ئېلىنىشى، تەقىب قىلىنىشى بولسۇن، ياكى جېجياڭنىڭدىكى چېركاۋلارنىڭ كرىستلىرىنىڭ يۇلۇپ تاشلىنىشى ياكى خوڭكوڭ توڭلۇۋەن كىتابخانىسى خادىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» غانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئەسلىدىنلا ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن گائۇك ئەپەندى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە بولغان پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىدىغان بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، «كوممۇنىزمنىڭ دۈشمىنى بولغان گائۇك ئەپەندى، بۈگۈن كوممۇنىزمنىڭ مېھمىنى بولماقتا.»
پرېزىدېنت گائۇك ئەسلى ئىككى گېرمانىيە بىرلىشىشتىن ئىلگىرى شەرقىي گېرمانىيەدە ياشاپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى بىلەن شۇغۇللانغان سىياسىي ئاكتىپ بولۇپ، ئۇنىڭ كوممۇنىستىك رېجىمغا قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئۆزگىچە بىر ھايات كەچمىشلىرى بولغان.
2014-يىلى شى جىنپىڭ خانىمى بىلەن گېرمانىيەنى زىيارەت قىلغاندا، گائۇك ئۇنى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە توغرىلىق سۆز ئاچقان. شى جىنپىڭ بولسا، گائۇكنى خىتايغا بېرىپ، خىتايدىكى ئەمەلىيەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان.
بىراق، پرېزىدېنت گائۇك بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق ئېغىز ئاچقان-ئاچمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئەمما، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى مەسئۇلى شىترائۇس ئەپەندى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە گېرمانىيە تەرەپنىڭ ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.