مارگارېتا باۋزې: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گېرمانىيەدە رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلدى»

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بارغانسېرى قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.

9-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى گېرمانىيە پارلامېنتىدا تالاش-تارتىش قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى 10-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلغان. مەزكۇر باياناتتا گېرمانىيەنى «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن زىيانلىق» دېگەندەك قاتتىق ئىبارىلەرنى قوللانغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى تېمىسى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئىجابىي پوزىتسىيەسىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو مائاس ئالدىنقى كۈنى خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز،» دېگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. 12-نويابىردىن 14-نويابىرغىچە گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مائاسنىڭ پىكرىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈرلۈك تېمىلاردا ماقالىلەر، ئوبزورلار ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى مەتبۇئاتلاردىكى بايانلارغا قارىتا بۇ بىر ھەپتىنىڭ گېرمانىيەدە «ئۇيغۇر ھەپتىسى» بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ گېرمانىيەنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى كەسكىن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە گېرمانىيەدىكى داڭلىق سىياسەتچى مارگارىتا باۋزې خانىمنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دە قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە توختالدى.

باۋارىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، نۆۋەتتە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان مارگارېتا باۋزى خانىم 10-نويابىر ميۇنخېندا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغاندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى. پارلامېنتنىڭ بۇ يىغىنىغا ھاكىمىيەتتە تەسىرى بولغان 7 پارتىيەنىڭ 6 سى قاتناشتى. ھەر بىر پارتىيەدىن 2-3 كىشى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەكىتلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلدى. ھالبۇكى، مېنىڭ بۇنىڭغا ۋاقتىم يەتمىدى.»

مارگارېتا باۋزې خانىم «خىتاي ئەلچىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «ۋاقتىم يەتمىدى» دېگەن كىنايىنى ئىشلىتىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ۋە ئۇلارنى كۈلدۈردى.

ماگارېتا باۋزې خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن 10-نويابىر خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئېلخېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. خەتتە ‹شىنجاڭدا ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يوق› دەپ يېزىلغان ئىكەن. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىبارىسى ئالدىغا ‹ئاتالمىش› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىدىنلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا نەقەدەر ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. خىتاي بۇ خېتىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ‹بۇ ئىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ› دېگەن ھەمدە دېموكراتىك بىر پارلامېنتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول سوزغان. مەن ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى ۋە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى دوستلىرىم بىلەن سۆزلىشىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ بۇ خىل يولسىز نارازىلىقى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىغا قارىتا تەھدىتلىرىنى كەسكىن رەت قىلىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە غەربلىكلەرنى ‹ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى› دەپ نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى دېموكراتىك ئۇسۇللاردا بارلىققا كەلگەن بىر پارلامېنتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقتا. گېرمانىيە پارلامېنتى ھېچقانداق بىر سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى ياكى تەھدىتىنى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس. گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۆز پىرىنسىپى ھەم مەيدانى بار. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئارىلىشىغا يول قويمايدۇ ھەم سۈكۈت قىلمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆز ئىرادىمىزنى ئوچۇق ۋە مۇستەھكەم بايان قىلىمىز.»

مارگارېتا باۋزې خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلغىنىم، ئۇيغۇرلارنىڭ سېپىدا تۇرغىنىم ئۈچۈن خىتاينىڭ ماڭا بېسىم ۋە تەھدىت قىلىشى ئەلۋەتتە بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئەمەس. مەن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن. خىتاينىڭ ماڭا تەھدىت ئىشلىتىشى، نارازىلىق بىلدۈرۈشى مېنىڭ توغرا يولدا بولغانلىقىمنىڭ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. مەن بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار ئوخشاش ئېزىلگەن مىللەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن. خىتاي ھاكىمىيىتى شۇنى بىلىپ قالسۇنكى، ئۇلار ماڭا قانچىلىك تەھدىت سالغانسېرى مەن ئۇيغۇرلارغا شۇنچە يېقىنلىشىمەن ۋە ئۇلارنىڭ دەۋاسىغا شۇنچە ئىگە چىقىمەن.»

مارگارېتا خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىغان سۆزلىرىدىن بىرى - «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى گېرمانىيەدە رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلدى» دېگەن كەلىمىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار مەسىلىسى توغرىسىدا پارلامېنتقا كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان بولساممۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بۇ قەدەر جىددىي ۋە ئەتراپلىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى كۈتمىگەن ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن 6 چوڭ پارتىيەنىڭ ھەممىسى بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ھەقىقەتەنمۇ كۈتمىگەن بىر نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقتى. پارلامېنت مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويدى. يەنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى گېرمانىيەدە رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش ھەمدە ياخشى بىر نەتىجىنىڭ بىشارىتىدۇر.»

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كۈرەشە سېپىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۇ كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى، ئۈمىدلىك بولۇشۇڭلارنى ۋە قەت´ئىي بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلمەن. ئەلۋەتتە، ئاسان ئەمەس، سىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار، قەۋمى-قېرىنداشلىرىڭلار خىتاينىڭ قولىدا، ئۇلار ئېغىر ئازاب ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسان ئەقلى قوبۇل قىلمايدىغان زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنى ئۇنۇتماڭلاركى، خەلقىڭلارنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجى بار، سىلەرنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىڭلار خەلقىڭلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. سىلەر ئىرادەڭلاردىن ۋاز كەچمىگەن، كۈرەشلىرىڭلارنى داۋام قىلغان مۇددەت ئىچىدە مەن ھەرۋاقىت سىلەرنىڭ يېنىگلاردىن يەر ئالىمەن.»

مارگارېتا خانىمنىڭ بايانلىرىغا كۈچلۈك ئالقىشلار ياغدۇرۇلدى. ئۇيغۇر جامائىتى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇزۇنغىچە چاۋاكلار چېلىشتى. «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت بىلدۈردى ۋە گۈل تەقدىم قىلدى. ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى ئۇنىڭدىن تۈرلۈك سوئاللارنى سوراپ تېگىشلىك جاۋاپلارغا ئىگە بولدى.