گېرمانىيەلىك ئىسلامشۇناس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام
2018.12.12
Paula-Schrode-paula-shroder.jpg گېرمانىيەنىڭ بېيروئېت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ياش پروفېسسورى، دوكتور پائۇلا شرودېر خانىم.
Béyro’ét Uniwérsitéti/Donal Khosrowi

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇملار توغرىسىدا بىز گېرمانىيەنىڭ بېيروئېت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ياش پروفېسسورى، دوكتور پائۇلا شرودېر خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

1999-يىلى تۈبىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئىلاھىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە كەسىپلىرىدە ئوقۇغان پائۇلا شرودېر شۇ يىلىلا بېرلىن ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، تۈركولوگىيە، ئىلاھىيەتشۇناسلىق ۋە ئېتنولوگىيە كەسىپلىرىدە ئوقۇيدۇ. ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە قىزىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئۇيغۇر تىلىنى مەخسۇس ئۆگىنىدۇ. قەشقەر، ئاتۇش، يەركەن ۋە خوتەنلەرگە بېرىپ خەلق ئىچىدە ئەمەلىي ئۆگىنىش ۋە نەزەرىيىۋىي بىلىملىرىنى ئەمەلىي بىلىملەرگە تەتبىقلاش ئېلىپ بارىدۇ. ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرۋاھ چۈشەنچىسى ھەققىدىكى ماقالىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2005-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىسلامدا پاكلىق قائىدە-يوسۇنلىرى» دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات تۈرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ. 2010-يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا «ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىدىكى ھالال ئوزۇقلىنىش ھەققىدىكى ئېنىقلىمىلار ئۈستىدە تەتقىقات» دېگەن تېمىدىكى دىسسېرتاتسىيەسى بىلەن ئىسلامشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. 2013-يىلىغىچە «دىنىي ئادەتلەر: گېرمانىيە ۋە تۈركىيەدە سۈنئىي مەزھىپىدىكى قائىدە-يوسۇن جامائەتچىلىكى» ناملىق تەتقىقات تېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايدۇ. 2013-يىلى گېرمانىيە بېيروئېت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ بۈگۈنكى ئىسلام مەدەنىيىتى كەسپىگە پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە بۇ ساھەدە گېرمانىيەدىكى ئەڭ ياش پروفېسسورغا ئايلىنىدۇ.

سوئال: ھۆرمەتلىك پروفېسسور پائۇلا شرودېر خانىم، سىزگە مەلۇم، بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن. يەنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70-يىلى. ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن قەدىرلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئىشى ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ. ھەتتا ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇق دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە يەنىلا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۈگۈن سىز بىلەن مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان تېمىمىزمۇ، ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھەقلىرى ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە تەۋە بولغان بىر قىسىم مەزمۇنلار. سىزگە مەلۇم، ئۆتكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئەينى ۋاقىتتا سىز ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تەتقىق قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، قائىدە-يوسۇنلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. سىز تەتقىقاتىڭىزدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىسلام ئېتىقادىدىكى سىرلىق ھەم چۈشىنىش قىيىن كۆرۈنىدىغان بىر نازۇك تېمىنى، يەنى دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى تەتقىق قىلدىڭىز ۋە نەتىجىلىرىڭىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇندىڭىز. ئەينى ۋاقىتتا سىز نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق قىيىن بىر تېمىنى تەتقىق قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىڭىز؟

پروفېسسور شرودېر خانىم: ئەسلىدە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش پىلانىم باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ، يەنى بۇرۇنلا شىنجاڭدا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇستازلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش جەريانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكىنى ئىلدېكو بېللېر-خاننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يەرلىك قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ئۆلۈم بىلەن بىر باغلىنىشى بارلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدىم. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئىسلام دىنى دائىرىسىدە چۈشىنىلىدىغانلىقىنى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى ئىدى. مۇشۇ ئىدىيە بىلەن مەن ئۇ يەرگە باردىم ۋە قەدەممۇ قەدەم كۆزىتىش ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ تېما ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆلۈم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ھاياتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ۋە بىر ئالاھىدە چوڭ چۈشىنىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ھايات ۋە ئۆلگەن ئىنساننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدىم. تەتقىقات جەريانىدا بۇ تېمىنىڭ مۇھىم ۋە قىزىقارلىق تېما ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. بۇ ئارقىلىق كىچىك بىر ماگىستىرلىق ماقالىسى مەيدانغا كەلدى.

مۇخبىر: رەھمەت سىزگە. سىز بىلىسىز، ئىككى ئۈچ يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى يۇقىرىقىدەك قائىدە-يوسۇنلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خاتا، ئەخمىقانىلىقنىڭ ئىپادىلىرى دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ھەتتا خەلقنىڭ بۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئىشەنمەسلىكى تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، بەلكى بۇ مەزمۇندا سۆزلىشىشمۇ قاتتىق چەكلىنىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە، بۇ خىل مۇئامىلە نورمال تەبىئىي بىر دىنىي قاراشنىڭ نەتىجىسىمۇ؟

پروفېسسور شرودېر خانىم: ئەگەر بۇنداق بىر مۇئامىلە ھەقىقەتەن نورمال بىر ئەھۋال بولىدىغان بولسا پەقەتلا شۇ ھالەتتە نورمال بولىدۇكى، ئۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت بىر گۇرۇپپا ئىنساننىڭ ئىنسانىي كىملىكىنىڭ ئەڭ نازۇك يېرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بىر لوگىكىسىنى توغرا دەپ قارىغان بولۇشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئەمەلىيەتتە ۋەيران قىلىنغىنى بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا بولغان نورمال مۇئامىلىسىدۇر. ئىنساننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ ئەرۋاھىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئەرۋاھلار روھىنىڭ تىنچلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولۇشى، ئىنسان ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرۋاھىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىشى بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر ئىنساننىڭ نورمال تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل ئېھتىياجنىڭ ھۇجۇمغا ۋە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ كىملىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ نازۇك قىسىملىرىنى يوق قىلىشتەك تولىمۇ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقتۇر. ئەگەر بىر كىشى ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنى ئۆزى توغرا دەپ قارىغىنىدەك شەكىلدە يەرلىكىدە قويالمىسا، ھەتتا دەل ئەكسىچە يېقىنلىرىنىڭ جەسىتىنى ئۆزىنىڭ يەرلىكىگە قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىسا، مېنىڭچە بۇ ھۆكۈمەت يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر زوراۋانلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

مۇخبىر: سىز كىتابىڭىزنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدىڭىز: «مەن بۇ تەتقىقاتىم ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ۋە مېنى ئۆز مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە يېتەكلىگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دوستلىرىمغا بولغان ھېسداشلىقىمنى ئىپادىلەيمەن. چەتئەل جامائەتچىلىكىنىڭ بۇلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.» سىزنىڭچە، چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كۈنىمىزدە يېتەرلىك بولۇۋاتامدۇ؟

پروفېسسور شرودېر خانىم: ھازىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر زېمىنىدىكى ئەھۋاللار ئۆتكەن بىر ئىككى يىل ئىچىدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ دىققەت قوزغىغانلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئەسلىدە بۇنداق دىققەت قىلىش تېخىمۇ كۆپ بېسىم پەيدا قىلالىسا ۋە بۇ بېسىم نەتىجىسىگە بىر قىسىم ياخشىلىنىشلار بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. مەن يۇقىرىقى قۇرلارنى يازغىنىمغا 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدىغۇ دەيمەن. مەن ئۇ ۋاقىتتا مەن 2004-يىلى ئىگە بولغان قاراشلىرىمنى ئاساس قىلغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلارنى ھازىرغا سېلىشتۇرىدىغان بولساق تولىمۇ ياخشى بىر ۋاقىت ئىدى. ھەتتا شۇ ۋاقىتتىمۇ مەن ئىنسانلارنىڭ تولىمۇ بىچارە ھالەتتە ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قوپاللىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، ئۆزى خالىغاندەك تىنچلىق ئىچىدە ھاياتىنى ياشىيالمايۋاتقانلىقىنى، باشقىلارغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەستىن ئۆزى توغرا كۆرگەن ھالەتتە ياشىيالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشاتتى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈم شاھىت بولغان ۋە ئاڭلىغان ئىشلاردىن بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىنىشى شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتتا دىنىي قائىدە-يوسۇنلارغا يول قويۇلماسلىقى ئىدى. دىنىي ھاياتىنى ياشاش سىياسەت بىلەن باغلانغان قانداقتۇر چېكىدىن ئاشقان بىر ئىش ئەمەس، بەلكى كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس شەخسىي قائىدە-يوسۇنىدۇر. مەن 2004-يىلى شۇ قۇرلارنى يازغىنىمدا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ بەلكىم خىتايدەك بىر دۆلەتتە، يەنى قارىماققا تەرەققىي قىلىۋاتقان، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۆزىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، كۆرۈنگىنىنىڭ ئەكسىچە ئەھۋال بارلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلمەي قالمىسۇن دەپ ئويلىغانىدىم. كۈنىمىزدە بۇنداق ئەھۋاللا ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى ئەھۋال كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئېچىنارلىق. ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان خەۋەرلەر، يەنى ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ئاخبارات قاناللىرىدا، گېرمانىيەدىكى كۈندىلىك گېزىتلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ئۇچۇرلار بار. ئەمما بۇلار ھەقىقەتەن بىر بېسىم پەيدا قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس. بۇ يەردە يەنە ئىقتىسادىي كۈچ مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. بىز بولساق پەقەت بۇ خىل ئەھۋالنى يورۇتۇپ، ئەھۋالنى رەسمىي تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشالايمىز. مەسىلىنى ھەل قىلىش جاۋابكارلىقىنى ھەقىقەتەن بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.