گېرمانىيەلىك ئىسلامشۇناس پائۇلا شرودې خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى (2)

0:00 / 0:00

مۇخبىر: سىز ئۇيغۇرلارنى ياخشى تونۇيسىز. سىز بۇ خەلقنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى پىششىق ئۆگەندىڭىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەر ۋە يېزىلاردا نەچچە ئايلاپ شۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ياشىدىڭىز. دىننىڭ بۇ مىللەت ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بېرىسىز. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادنىڭ رولى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

پروفېسسور پائۇلا شرودې: ئەلۋەتتە، دىننىڭ قەيەردە باشلىنىپ، ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ قايسى يەرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىش قىيىن بىر ئىش. مەن ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم. مەن ئۇچراتقانلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ۋاقتى ۋاقتىدا ئىبادەت قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەنلەر ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم بىر ئەخلاق ئۆلچىمى بولۇشىنى مۇھىم دەپ بىلەتتى. بۇ خىل ئەخلاق مۇسۇلمانچە دەپ قارالغان ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق دەپ بىلىنەتتى. بۇنىڭ ئائىلە ۋە ئەۋلادلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا جاۋابكارلىق مۇناسىۋەتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار. مانا بۇ تەرەپلەر ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ رولى ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم دەپ قارالغان جەريانلاردىن ئىبارەت.

ھەقىقەتەن، دەل بۇ نۇقتىدا يەنى ھاياتلىقنىڭ خەتەردىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، يەنى مەن تەتقىقاتىمدا ئورۇن بەرگىنىمدەك-ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ئىسلام ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى يەنە مەنە جەھەتتىكى دائىرىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېيىت يۇيۇش، مېيىت نامىزى چۈشۈرۈش ئىشلىرى ئەلۋەتتە ۋاز كېچىلمەيدىغان ئىشلاردۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئاشۇنداق پۇرسەتلەر يوق قىلىۋېتىلگىنىدە ئۇلارنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ مېنىڭچە تولىمۇ قىيىن تېما. دىنغا ئىشىنىشنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرى بولىدۇ. بەزىلەر گەرچە سىرتتىن قارىماققا ئانچە مۇسۇلماندەك كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما دىن ئۇلارنىڭ ھاياتىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىر ئىنسان دەپ قاراش-قارىماسلىقى شۇنداقلا ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراش-قارىماسلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئالاھىدە بىر ئامىل بولۇپ قالىدۇ.

مۇخبىر: سىز پەقەت ئىسلامشۇناس ياكى ئىلاھىيەتشۇناسلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر ئېتنولوگىيە تەتقىقاتچىسىسىز. سىز يۇقىرىقى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر يېڭى تەتقىقات ئۇسۇلى ياراتتىڭىز. تەتقىقاتلىرىڭىزدا يەنە يۇقىرىقىلاردىن باشقا سوتسىيولوگىيەلىك تەتقىقاتقىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىشتىن باشقا يەنە نەزەرىيەۋىي ۋە ئەمەلىي تەتقىقات ئۇسۇللىرى تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ يەردە مەن سىزنىڭ دوستىڭىز شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىڭىزدىكى بىر ئۇستازىڭىز پروفېسسور راھىلە داۋۇت ھەققىدە سورايمەن. خەلقئارادا تونۇلغان ئېتنولوگىيە ئالىملىرىدىن راھىلە داۋۇت ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېتنولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى ۋە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

پروفېسسور پائۇلا شرودې: بۇنداق بىر خەۋەرگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئەسلىدە چوقۇم قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر سەۋەب ئېنىق بولغان بولسا ئىدى ياكى بىر گۇناھ سادىر قىلغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. بۇنداق بىر مەلۇمات بولغاندىلا باشقىلار ۋەقەنىڭ جەريانىنى كۆزىتەلەيتتى. قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى بىلەلەيتتى. ئەپسۇسكى، ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولماستىن، ئۇنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش. بۇنداق بىر ئىشتا ئەلۋەتتە چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىنى ئىپادىلىشى ۋە بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك. مەن 2004 يىلى ئۇ يەردىكى ۋاقتىمدا راھىلە داۋۇت بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم. بىز ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق. ئۇ ماڭا تەتقىقاتىم ۋە ئۇنى يېقىندىن تونۇشۇم ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان ناھايىتى كۆپ نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. خۇددى باشقا خەۋەرلەردە يېزىلغىنىدەك، راھىلە داۋۇت تولىمۇ دوستانە ۋە ئوچۇق-يورۇق، ئۆز خىزمىتىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان تەتقىقاتچى ئىدى. راھىلە داۋۇتتەك تونۇلغان ئالىملاردىن باشقا، مەن دالا تەكشۈرۈش خىزمىتىم جەريانىدا يەنە ناھايىتى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقان ئىدىم. مەن سۆزلىشىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تەتقىقاتىمنىڭ بىر قىسمى ئىدى. مانا ئەمدى مەن بىلىدىغان شۇنچە كۆپ ۋە مۇھىم كىشىلەرنىڭ قامىلىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقى ۋە رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مېنى بەكمۇ ئازابلايدۇ.

مۇخبىر: يۇقىرىدا سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىڭىزدەك، راھىلە داۋۇتتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ھەر ساھە ئالىملىرىمىز ئائىلىسىدىن، خىزمىتىدىن ۋە خەلقىدىن ئايرىۋېتىلدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئەلۋەتتە، بۇنداق قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ساھەلىرىدىن يىللارچە ئۇزاقتا قويۇش ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىشتۇر. بۇ ئالىملارنىڭ توپلىغان بىلىملىرىنى خەلققە ۋە جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈپ بېرەلىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار قانداق چارىلەرنى قوللىنىشى كېرەك؟

پروفېسسور پائۇلا شرودې: بۇنداق ئەھۋالدا باشقا دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلار يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان تەتقىقاتچىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى بېرىشى ۋە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەركىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمايۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر بار. ئۇ دۆلەتلەردە سىياسىي جەھەتتىن خەتەرلىك دەپ قارالغان ئالىملار قولغا ئېلىنغان. بۇنداق بىر زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلىش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق زوراۋانلىقتىكى مەقسەت ئىنسانلارنىڭ نورمال تۇرمۇش رىتىمىنى بۇزۇپ، بېسىم ئاستىدا تۇتۇش ۋە شۇنداق بېسىم ئاستىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىپ ياشاشقا مەجبۇرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەت خەلق ئۆزىدە بار دەپ قارىغان كۈچنى زەئىپلەشتۈرۈش ۋە ھەتتا ئاجىز دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش، نەتىجىدە ۋەيران قىلىشتۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى قايسى دەرىجىدە بىلىش-بىلمەسلىكتىن قەتئىي نەزەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇنداق زۇلۇملارغا بولغان نارازىلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىشى زۆرۈر. چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا ۋاقتى-ۋاقتىدا دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە، قايسى دۆلەتتە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى جامائەتچىلىكنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇرۇلۇشى كېرەك. خىتاي ئىلمىي تەتقىقات ھەمكارلىق ئىشلىرىدا دۇنيادا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر دۆلەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دۆلەتتىكى ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەرگىزمۇ كۆرمەسكە سېلىشقا بولمايدۇ. بىز پەقەت ئىنسان ھەقلىرى خىزمەتلىرىمىزنى كىچىك ھەم ئاجىز دۆلەتلەردىلا ئىشلەپ قالماستىن، بەلكى دەل خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەردىكى مەسىلىلەرنىمۇ ئېنىقلاپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش ۋە كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان ئانچە ئاتىقى چىقمىغان ھەتتا تونۇلمىغان ئادەملەرمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، ئۆيلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، ئاي ۋە يىللارنى قاراڭغۇ لاگېرلاردا ئۆتكۈزۈۋاتقان، ھەتتا كېيىنچە ئادەتتىكىدەك نورمال ياشىيالىشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان بۇ كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان-تونۇلمىغان ھەممىلا ئادەم ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىندى. بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئىنسانپەرۋەرلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

مۇخبىر: سىز ئىسلام دىنىنىگ سۈنئىي مەزھىپىدىكى ھالال ئوزۇقلىنىش نەزەرىيەلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىڭىز. بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر مەزمۇن. بىر مۇسۇلماننى مەجبۇرىي ھالدا «ھارام» بىر نەرسە يېيىشكە مەجبۇرلاش، خۇددى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە قىستالغىنىدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئېتىقاد قارىشىغا قايسى دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

پروفېسسور پائۇلا شرودې: شۇنداق، بۇ يەردە بىر ئىنسان ئۆزى تولىمۇ خاتا دەپ قارىغان بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىمدا دەل مۇشۇنداق ئەھۋاللارغىمۇ دىققەت قىلغانىدىم. باشقا بىر نەرسە يېيىش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى پەرقلەندۈرۈش، يەنى مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئايرىشتا ھالال ۋە ھارام يېمەكلىكلەر، پاكىز ۋە مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش، يەنى چوشقا گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىش ۋە ئوزۇقلانماسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتىدىكى كىملىكىنى ئېنىقلىشىدا ئالاھىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە. بۇ خىل سىمۋوللۇق مەنە تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قارىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چوشقىنىڭ مەينەت ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ناھايىتى كۆپ چۈشەنچىلەر بىلەن باغلانغان بىر نازۇك تېما. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆز ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جەمئىيەت قارىشىغا قارشى بىر ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئاشۇ كۈچلۈك جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇلارنى باشقا بىر خىل ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئىشلاردۇر. بىزنىڭ بۇ كۈنلەردە كۆرىۋاتقىنىمىزمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدۇر. بۇنداق قىلمىشلارغا مەجبۇرلاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك كىملىك قارىشىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىكتۇر.