مالايشىيالىق، دوكتورانت ئۇيغۇر ساۋاقدىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن

0:00 / 0:00

مالايسىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتلىق ئوقۇشىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغان گۈلگىنە تاشمۇھەممەتنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن 6 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى ھەدىسى ۋە مالايسىيادىكى ساۋاقداشلىرى ئىمزا توپلاش، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەر سۇنۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.

گۈلگىنە تاشمۇھەممەتنىڭ ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ھەدىسى گۈلزىرە خانىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىگە قارىغاندا، گۈلگىنەنىڭ ئۈندىداردىكى ئەڭ ئاخىرقى غۇۋا سۈرىتىدىن ئۇ قېرىندىشىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى سەزگەن. بۇ خۇددى ئۇنىڭغا «ھەدە مېنى قۇتۇلدۇرۇۋال» دەپ سىگنال بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلغان ۋە ئۇ ئەندىشە ئىلىكىدە سىڭلىسىنى ئىزدەشكە كىرىشكەن ئىكەن.

ھەدىسى گۈلزىرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسىنى ساقچىلارنىڭ سوراق قىلغانلىقى قاتارلىق ئائىلىسى ئۇچرىغان بېسىملار سەۋەبلىك تېخى يېڭىلا ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن گۈلگىنە تەتىلگە چىقىپلا ھېچنېمىگە قارىماي ئائىلىسىگە قايتىشنى قارار قىلغان.

گۈلزىرە يەنە، سىڭلىسىنىڭ ساۋاقدىشى، خىتاي قېنىدىن بولغان مالايسىيالىق يېقىن دوستى سەممينىڭ ئاساسلىق كۈچ چىقىرىپ، مالايسىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا گۈلگىنەنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز توپلاپ، مەكتەپ ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرىدىغان ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مالايسىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى سەممي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۈلگىنەنى 2017-يىلى 26-دېكابىر كۈنى كۇئالالۇمپۇردىكى ئايرودرومىدىن خىتايغا ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ «ئۇنى ئاخىرقى كۆرۈشۈم بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەممي مۇنداق دېدى: «گۈلگىنەنى قايتماسلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان نەسىھەتلىرىگە ئالغان جاۋابىمنى ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا، ئائىلىسىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى، پىداكارلىقى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ‹كەتمىسەم بولمايدۇ، ئۆيدىكىلەر قىيىن ئەھۋالدا، مەن بېرىپ ئۆلسەممۇ ئۇلارنى يالغۇز قويماسلىقىم كېرەك. مەيلى نېمە بولمىسۇن ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا بولغۇم بار› دېگەنلىرى، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئاخىرقى بايانلىرى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېيىشىۋالغىنىمىزدەك گۈلگىنە ئۈندىداردا سۈرىتىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆيگە بىخەتەر يېتىپ بارغانلىقىدىن بەلگە بەرگەن بولدى. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدىم. گەرچە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۈلگىنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بۇ قەدەر خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى قىياس قىلالمىغان ئىكەنمەن.»

سەممي ئۆزىنىڭ گۈلگىنە بىلەن دوست بولۇش جەريانلىرى ھەققىدىمۇ سۆزلەپ بەردى.

سەممي مۇنداق دېدى: «بىلەمسىز؟ دوستۇم گۈلگىنە بەكمۇ ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان ۋە تولىمۇ ئۆزگىچە. بىز بىر قېتىم يېتىم بالىلار پاراۋانلىق مەكتىپىدە خالىس دەرس ئۆتۈش جەريانىدا تونۇشقان. گەرچە مەكتىپىمىزدە خىتايدىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇ، مەكتىپىمىزدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى ۋە شۇنداقلا باشقا خىتايدىن كەلگەنلەردىن ھەر جەھەتتە پەرقلىنەتتى. مەن گۈلگىنەنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بىز مەكتەپتىكى چاغلىرىمىزدا بىللە ئايرىماي يۈرەتتۇق. بىز ئارام كۈنلىرىمىزنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمەتلىرىگە خالىس ياردەم بېرىش، يېتىم-يېسىرلارغا مېھىر يەتكۈزۈشكە ئوخشاش ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق. ئوقۇش خىراجىتىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە گۈلچىلىك مۇلازىمىتى قىلاتتۇق. مەن ئۇنىڭغا ‹گىنا› دەپ كىچىك ئىسىم قويۇۋالغان. دوستۇم گىنانى بەكمۇ سېغىنىۋاتىمەن. مەن ھازىر ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلسەملا بولدى. چۈنكى گىنانى ئىزدەش جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى خەلقئارادىكى ئاخباراتلاردىن ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن بىلگەنسېرى گىنادىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن بەكمۇ ئېغىر ۋەزىيەتتە ئىكەن. خەۋەرلەردە دېيىلىۋاتقان لاگېرلار ئەمەلىيەتتە قورقۇنچلۇق تۈرمە ئىكەن. دوستۇمنىڭ شۇنداق جاينىڭ بىرىدە ئىكەنلىكىنى ئويلىسام بەكمۇ ئازابلىنىمەن. ئۇ بىر بىگۇناھ، مېھرىبان ئىنسان. ئۇ بۇنداق ئادالەتسىزلىككە لايىق ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھېچقاچان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان. ئۇ تىرىشىپ ئىگە بولغان ئوقۇش پۇرسىتىدىن، ھاياتىدىن مەھرۇم قالماسلىقى كېرەك.»

سەممينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مالايسىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مالايسىيادىكى ئىككى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىم گۈلگىنەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش پائالىيىتىگە خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن پاسسىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولۇپ، 3 ئايغا يېقىن ۋاقىتتا ئاران 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئەرزگە ئىمزا قويغان.

سەممي گۈلگىنەنىڭ قويۇپ بېرىلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئويلىغاندەك بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھازىر ئەرزىنى قەدەممۇ-قەدەم مەكتەپ ۋە ئاكادېمىيە دەرىجىسىگە قەدەر قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىمزالىق سۇنۇلغان ئەرزگە جاۋاب تېخى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، مالايشىيانىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ دوكتور ئاسپىرانتى گۈلگىنەنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئەلچىخانىدىكىلەر ئۇنىڭغا خىتاي پاسپورتىدىكى بىرىنىڭ مالايسىياغا كېلىشىگە يول ئېچىپ بەرگەندىن باشقا، بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

سەممي يەنە گۈلگىنەنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، گۈلگىنەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ئاڭلىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دوستۇم گۈلگىنەنى مالايسىيادىكى مەكتەپ ۋە ئاكادېمىك ئورۇنلارغا تايىنىپلا مالايشىياغا قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، مەن ئۇنى ئىزدەشنى توختاتمايمەن. ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغۇدەك سەۋىيەگە ئېلىپ چىقىشقا ئېھتىياجىمىز بار. ئەپسۇسكى مەكتىپىمىزنىڭ ئىنتېرنېتىدىمۇ چەكلىمىلەر بولغانلىقى تۈپەيلى، گۈلگىنەنىڭ ۋەزىيىتىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىشتا رىقابەتكە ئۇچرىماقتىمىز. مەن رادىيويىڭلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ بىگۇناھ، تىرىشچان، ئاق، كۆڭۈل دوستۇم گۈلگىنەگە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي سورايمەن».

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەن ۋە چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار ئۇيغۇرلارنىمۇ شۇ خىل لاگېرلارغا نۇقتىلىق سولىماقتا.

گەرچە گۈلگىنەنىڭ غۇلجىدىكى مەلۇم لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سورىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن، قايسى جايغا قامالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بىز ئۇنىڭ ھەدىسى تەمىنلىگەن، غۇلجىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق شۇ مەھەللە ئەتراپىدىكى ساقچىخانا ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىدىن گۈلگىنەنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ھېچ بىرىگە تېلېفون ئۇلىيالمىدۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەت خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، چەتئەلنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىدە كاشىلىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، ھەتتا بەزى جايلارنىڭ ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.