2014-يىلى 9-فېۋرال گوللاندىيەدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئىقتىسادىي كىرىم-چىقىم ئەھۋالى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى نىشان-يۆلىنىشلىرى مۇناسىۋىتى بىلە ئېچىلغان يىغىنغا نازارەتچىلىك سۈپىتى بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەت «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
مەزكۇر جەمئىيەتتىكى ئانا تىل كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا «ئۆسمۈرلەر مارشى» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىندى. ئاندىن، ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر قىسقا فىلىم شەكلىدە كۆرسىتىلدى.
جەمئىيەتنىڭ تەلىم-تەربىيە مەسئۇلى ئابدۇراخمان قارىھاجىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ باشقا چەتئەللىكلەرنىڭ بالىلىرىغا قارىغاندا زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، تەربىيە قوبۇل قىلىشچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى، تىرىشچانلىقىمنىڭمۇ ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگەنگەنلىرىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشكە ئۈندىدى.
ئاندىن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يېڭى مەسئۇلى ئەيسا قارىھاجىم ئىقتىسادىي ساھەدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە مەزكۇر جەمئىيەت ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئىئانە قىلغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ نەتىجىسىدە، ئايلىق مەدەتلىرى بىلەن بۇ جەمئىيەتنى قوللاۋاتقانلارنىڭ سانى 150 دىن ئاشقان. ئۆتكەن بىر يىلدىلا مەزكۇر يەرنى مەركەز قىلغان ئومۇمى پائالىيەتلەرنىڭ چىقىم سوممىسى 30 نەچچە مىڭ ياۋرۇ ئەتراپىدا بولغان. شۇنىڭغا يارىشا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىمقى مەزكۇر يەرنى سېتىۋېلىش پائالىيىتىدىكى ئاكتىپلىقىمۇ ياخشى بولغان.
پائالىيەت ئارىلىقىدىكى ناماز ۋە غىزالىنىشتىن كېيىن، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن ئوبۇلقاسىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلانىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى شەرھلەش بىلەن بىرگە، گوللاندىيەدە ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىدە مەركەز قىلىشقا جۇغراپىيىلىك جەھەتتە بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئۆترىخت ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى 8-10 يىللار ئىلگىرى چۈشىنىپ يېتىپ، شۇ مەقسەت ئۈچۈن قانچىلىغان ئېغىر بەدەللەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ بوشاشماي، ئاخىرى بۈگۈنكىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى كۆرگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىچكى سايلام ئارقىلىق يېڭىدىن ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن نامزاتلىرى ئېلان قىلىندى.
جەمئىيەتنىڭ باش مەسئۇللۇقىغا ئەيسا قارىھاجىم، مۇئاۋىن مەسئۇللۇقىغا ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم، كاتىپلىققا ئۆتكۈر ئەپەندىم، مائارىپ ئىشلىرىغا ئابدۇراخمان قارىھاجىم ۋە يەنە ئىقتىسادىي كىرىم-چىقىم ئىشلىرىغا مەخمۇتجان ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ تەيىن قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
كۆپچىلىك يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلەپ قايتىشتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلارمۇ بىردەك ئىجابىي باھا بەردى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2006-يىللىرى دەسلەپكى ئائىلىۋى يىغىلىشلىرىدىن بارا-بارا زورىيىپ، بۈگۈنكى مۇنتىزىم ئورنى ۋە سىستېمىلىق خىزمەت فۇنكسىيىسى ئىگە غوللۇق تەشكىلات ھالىتىگە ئايلانغۇچە، ئەمەلىي خىزمەتلىرى بىلەن ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئىشەنچىنى قازىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بىرى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە.