15-دېكابىر كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ھەيئەتلىرى سايلام پائالىيىتىگە نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قېلىش مەقسىتى بىلەن گوللاندىيەگە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى، گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە دىنىي ئىشلار رەئىسى تۇرغۇنجان ئاۋۇدۇن ھاجىم قاتارلىق ۋەكىللەر مەزكۇر سايلام پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ۋەكىللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم باشلىق ئۇيغۇر جامائىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئوبۇلقاسىم ئەپەندى مېھمانلارغا جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىن بۈگۈنىگىچە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى، ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىملار ئىنكاس سۆز قىلىپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىدى ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام قىلىشىغا بولغان تىلەكداشلىقىنى بىلدۈردى، بولۇپمۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ ئازادە ۋە پاكىز بىر مۇھىت بەرپا قىلغانلىقىنى قايتا-قايتا مەدھىيىلەپ، سېتىۋېلىش ئۈچۈن قېلىنىۋاتقان ھېممەتلىرىنىڭ يۈكسەكلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا نەمۇنە بولغۇدەك بىر نەتىجىنى كۆرۈۋاتقانلىقى بىلەن ھاياجانلىرىنى ئىپادىلەشتى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بېرلىكىنىڭ يېڭى رەئىسى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندىمۇ، ئىككى جەمئىيەتنىڭ بىر-بىرى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زېچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككىسى بىر بىرىنىڭ كەملىرىنى تولۇقلاپ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشتا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق-ئىجىل ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋەكىللەر گوللاندىيەدىكى شەخس ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى مەدھىيىلەپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغانلار ۋەكىللەردىن، ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرلەردىكى دەۋا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن سوئاللار سوراشتى. مەسئۇللارمۇ ھەم تېگىشلىك جاۋابلارنى بېرىپ كۆپچىلىكنى رازى قىلدى.
زىيارەت ئاخىرىسىدىكى پۇرسەتتە ئۆز تەسىراتلىرىنى ۋە تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلغان مېھمانلار بارلىق رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا سالاملىرىنى يوللىدى ۋە ئۇلارنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ بۇ خەيرلىك ئىشلىرىدا ياردەمدە بولۇشقا ئۈندىدى.
قىزغىن سۆھبەت، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى نامايان قىلغان دوستلۇق ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ھەمداستىخان بولغان ۋەتەنداشلار بىرلىشىپ، سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا خاتىرە رەسىمگە چۈشتى ۋە ئاددىيغىنا غىزالىنىپ، دۇئاسى تىلەكلىرى بىلەن قايتىشتى.
بىر قىسىم جامائەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خالىسانە زىيارىتىدىن خۇرسەن بولغان ھالدا، يەنە بىر قېتىملىق دىدارلىشىشقا بولغان ئۈمىدلىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.