2016-يىلى 3-يانۋار يەكشەنبە گوللاندىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە ئىقتىسادىي كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.
پائالىيەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ زەيست شەھىرىدىكى مەركىزىدە، شۇ يەر ۋاقتى پېشىن نامىزىدىن كېيىن باشلاندى. غەلىبە، بەرىكەت ۋە توغرىلىق تېپىش ئۈمىدى بىلەن قۇرئان تىلاۋىتى قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئابدۇراخمان قارىھاجىمنىڭ تەقدىم قىلىشىدا «مۇسۇلمانلار يولى» ناملىق دەرسلىكنىڭ داۋامى ئىشتىراكچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدى.
ئاندىن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىم ئۆتكەن بىر يىلدا جەمئىيەت نامىدىن تەشكىللەنگەن، قاتناشقان ۋە ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەردىن دوكلات بەردى. ئوبۇلقاسىم ئابدۇئېزىز ئەپەندى يىللىق كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. كۆپچىلىك دەرس ۋە دوكلاتلارغا ئالاقىدار سوئاللارنى سوراپ، جاۋابلىرىنى ئالدى.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار بۇ جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە ئىجابىي باھالار بەردى ۋە خالىس تىلەكلىرىنى يوللىدى.
پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىر قانچە ئايدىن بېرى ھەر ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بېلگىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۈرەك سۆزلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشلاردا غىزالىنىش ۋە ناماز ئوقۇشقا پۇرسەتلەر بېرىلگەن بۇ پائالىيەت، ئەركىن سۆھبەت ۋە ھال-مۇڭدىشىشلار بىلەن كەچ سائەت 7 گە قەدەر داۋام قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ، يىللاردىن بېرى ئايدا بىر قېتىمدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» نىڭ ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش، مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە شەكلىدە ئەركىن سۆھبەتلىشىش، ئۆز-ئارا ھال-مۇڭ بولۇش، دىدارلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن ئىكەن.