ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

0:00 / 0:00

2017-يىلى 1-ئاپرېل گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە خىتاينىڭ يېقىندا ئىجرا قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان يېڭى قانۇنى توغرىلىق مەلۇماتلار مۇھاكىمە قىلىندى. پائالىيەتكە ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر، ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار ئالدىنقى ھەپتە بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن قايتىش سەپىرىدە گوللاندىيەدىكى مەزكۇر جەمئىيەتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى مېھمانلارنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. مېھمانلارمۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھالار بەردى.

شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 10 غا قەدەر داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا ۋە نۇرى تۈركەللەرنىڭ سەمىمىي تەۋسىيەلىرىدىن مەمنۇن بولغان سۆھبەت ئەھلى مېھمانلارغا ۋە مەزكۇر جەمئىيەتتىكى ۋەتەنداشلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدىكى تەلەپچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى قىزىقىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆپ ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزە ۋە مۇزاكىرىلىرىمۇ ئەپەندىلەرنى رازى قىلدى. سۆھبەتنىڭ مەزمۇن ۋە تۈرىنىڭ كۆپ ساھەگە چېتىلىشىغا باقماي، ھەممىدىن بەكرەك دىققەت قوزغىغىنى، خىتاينىڭ يېڭىدىن ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئەسەبىيلىككە قارشى بەلگىلىمىلىرى بولدى. يېڭى ماقۇللانغان نىزامدا، بۇرۇنقى مەۋجۇت چەكلىمىلەر كېڭەيتىلىپ يېڭىدىن يەنە 15 خىل چەكلىمە قوشۇلغانلىقى قاتتىق تەنقىدلەندى. پائالىيەت ئەھلى سۆھبەتتىن كىيىن، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىپ، خاتىرە رەسىمگە چۈشتى ۋە ئەتىسى تەكرار كۆرۈشۈش ئۈمىدى بىلەن تارقىلىشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، مەزكۇر مېھمانلارنىڭ زىيارىتىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەرمۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىن ھاسىل بولغان ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.