گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار «ئايلىق سۆھبەت» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

2-ئۆكتەبىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە يىغىلىپ، مول-مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كىيىن 14:30 دىن كەچ سائەت 19:00 گە قەدەر داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

جامائەت،«ئايلىق سۆھبەت» نامى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ دىدارلىشىشنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە دەرسلىكىدە ناماز ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە تەلىم ئالدى، چۈشەنمىگەن ۋە يولۇققان مەسىلىلىرى ھەققىدە سوئاللار سوراپ، دىنىي ئىبادەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قامدىدى.

پائالىيەت ئەھلى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن غىزالاندى ۋە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ كاتىپى ئەيسا قاراجىمنىڭ تەقدىم قىلىشىدا لېكسىيەدىن بەھرىمەن بولدى. بۇنىڭدا ئەيسا قاراجىم گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا نىدا قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ غەلىبىسى، مۇسىبىتى ۋە دۈشمىنىنىڭ غەلىبىسى خاتىرىلىنىدىغان كۈنلەرنى، چوقۇم ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە پۇرسەتلەندۈرۈپ، ئۇنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ۋەتەن-خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ماياك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى» ئىلگىرى سۈردى.

ئاخىرىدا ئەركىن سۆھبەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان مۇنازىرە-مۇلاھىزەلەر گوللاندىيەدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى جانلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مول-مەزمۇنلۇق ۋە ئوچۇق-يورۇق مۇنازىرە-مۇلاھىزىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى يىللاردىن بىرى «ئايلىق سۆھبەت» نامىدا ئايلىق دىدارلىشىش پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.