خىتاي ئاخباراتى 8-يانۋار كۈنى خوتەندە 3 گۇماندارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى خەۋەر قىلىش جەريانىدا ئاشكارىلانغان ۋە 2015-يىلى يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «22-ئاپرېل تېررورلۇق ۋەقەسى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققەت ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىپ بىر يىل 9 ئايغىچە يوشۇرۇن تۇتۇلۇشىنى، بۇنىڭغا ئوخشىغان يەنە كۆپلىگەن ۋەقەنىڭ ھازىرغىچە سىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايدۇ.
رابىيە خانىم يەنە مەزكۇر ۋەقەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەققانىي كۈرەش ۋە ياكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى سادىر قىلغان ئېغىر بىر جىنايەت دۇنيادىن يوشۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىدۇ ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىدۇ.
بىز ۋەقە ھەققىدىكى پەرەز ۋە چاقىرىقلىرىنى بىلىش ئۈچۈن رابىيە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «22-ئاپرېل ۋەقەسى» دېيىلگەن بىر ۋەقەدىن خەۋىرى بولغانمۇ؟
جاۋاب: خەۋىرىمىز بولغان ئەمەس، مەيلى خىتاي، مەيلى چەتئەل ئاخباراتىدا بۇ ھەقتە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. شۇڭا ۋەقەنىڭ يۈز بېرىپ 1 يىل 9 ئايدىن كېيىن ئاشكارىلىنىشى بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ.
سوئال: سىلەر ئەندىشىلىنىۋاتقان نۇقتا قايسى؟
جاۋاب: شەرقى تۈركىستاندا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان كۆپلىگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقى. تېخىمۇ مۇھىمى ئېغىر بىر پاجىئە ياكى چوڭ بىر دۆلەت تېررورىنىڭ سىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقى.
سوئال: رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن بىلگۈچىلەر بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن 22-ئاپرېل ۋەقەسىنى قانداق بىر ۋەقە بولۇشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىسىلەر؟
جاۋاب: ئىلگىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنگە ئوخشاش تېررور دېيىلگەن بۇ ۋەقەدە كۆپ ساندا كىشى ئۆلگەن، ھەتتا خىتاي قوراللىق كۈچلىرى خىتاي خەلقىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدە بىر ۋەھشىيلىكنى سادىر قىلغان، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئانا، بالىلار بولۇشى مۇمكىن.
سوئال: ئۇيغۇر رايونىدا 2014-يىلى مايدا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغالغان، 22-ئاپرېل ۋەقەسى ئەنە شۇنىڭدىن بىر يىل كېيىنگە توغرا كېلىدۇ، ۋەقە شۇ قاتتىق زەربە بېرىش جەريانىدا ياكى شۇنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدە پەيدا بولغان دەپ تەخمىن قىلىشقىمۇ بولامدۇ سىزچە؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ، چۈنكى قاتتىق زەربە بېرىش جەريانىدا يۈزلەرچە مەيدان ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلدى، مىڭلارچە كىشى تۈرمىگە تاشلاندى؛ مانا بۇ زۇلۇمغا، بۇ باستۇرۇشقا قارشى بىر ئىسيان، بىر كۈرەش ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بۇ ھەققانىي كۈرەشنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋەقەنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يۈز بەرگەن ۋەقەدىكى قارشى تەرەپنىڭ يولى شۈبھىسىز دەرىجىدە توغرا، كۈرىشى ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
سوئال: خىتاي خەلقئارا سەھنىلەردە ئۆزلىرىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خىتاينىڭ 22-ئاپرېل ۋەقەسىنى شۇنچە ئۇزۇنغىچە ئاشكارىلىماسلىقى شۇ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇنمۇ؟
جاۋاب: كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، تۈركىيە رېينو تېررورلۇق ۋەقەسىدە، ئامېرىكا بوستون، فىرانسىيە پارىژ تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ۋەقەنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلدى، ئوپىراتسىيەلەرنى قەدەممۇ-قەدەممۇ، كۈنمۇ-كۈن خەۋەر قىلىپ تۇردى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تېررورلۇقلارنى ئاشكارىلىغىلى بولىدۇيۇ، نېمە ئۈچۈن خوتەندىكىسىنى بولمايدۇ؟ چۈنكى، خىتاينىڭ قورقىدىغان بىر يېرى بار، ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەتلەر تېررورلۇق ئەمەس، زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت، ئەركىنلىك كۈرىشى. خىتاينىڭ سادىر قىلىۋاتقىنى بىر قانۇن دۆلىتىدە يۈز بېرىشىنى تەخمىنمۇ قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس.
سوئال: بۇ ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا جامائەتتىن ياكى خىتاي تەرەپتىن كۈتىدىغانلىرىڭىز نېمە؟
جاۋاب: ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئىشەنسە، ئىجرائاتلىرى قانۇنىي دائىرىدە داۋام قىلىۋاتقان بولسا، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىشى كېرەك، ئىسمى يوق، جىسمى يوق كىشىلەرنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەندىن، ئۇلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئاشكارىلىشى، ئائىلە تارىخىي، مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشى، ۋەقەگە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنى ئاشكارىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ تېررورلۇق دەپ ئاتىغان بىر ۋەقەنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ قويۇپ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىماسلىقى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خەلقئارا جامائەتنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە بۇ قىلمىشىدىن كۆرەڭلىگەنلىكى. بىز شۇڭا خەلقئارا تەشكىلاتلارنى 22-ئاپرېل ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋە بۇنىڭ تېگىشلىك يوللىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە چاقىرىمىز. ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۈركۈتمەسلىك ئۈچۈن بۇ خىل ۋەقەلەرنى سىر تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆز بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ خىل ۋەقەلەرنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىشى، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ھېساب سورىشى كېرەك.