قەشقەردىكى بىر ناھىيە ھاكىمى ناھىيە خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ توردا ئېلان قىلغان ئوچۇق خەت دېھقانلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا مەۋجۇت مەسىلىلەر ئۈستىدىن شىكايەتنامە يېزىشىغا سەۋەب بولغان.
مەزكۇر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دېھقانلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تورداشلار ئىنكاس يېزىپ ھاشار قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ تىزدىن ئەمەلدىن قالدۇرالىشىنى تەلەپ قىلغان.
يېقىندا يوپۇرغا ناھىيىسى ھاكىمى قەيسەر قېيۇم، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۈردە تور بەتلەرگە كىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت قىلىپ، خەلقنى بەختلىك، خۇشال-خۇرام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يوپۇرغىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بۆلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ئالىدىغانلىقى، بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۆزىنىڭمۇ ئامالسىز قېلىشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى، قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ خەت تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلا-غۇلا قوزغىغان بولۇپ، يېزىلغان ئىنكاسلاردا بەزى تورداشلار ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلىپ، ھاكىمنىڭ غەيرىتى ۋە جاسارىتىنى ماختاپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىنى ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇقىنى ئالقىشلىغان.
قەيسەر ھاكىمنىڭ بۇ خېتىدىن كېيىن، تورداشلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قانۇننى كۆزگە ئىلماي، مەزكۇر قانۇنلاردا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىشىغا خاتىمە بېرىشتە يوپۇرغىنىڭ ئۈلگىلىك ناھىيە بۆلىشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلەپ ئىنكاس قايتۇرغان. تورداشلار ئاساسەن مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان:
ئۇيغۇر ئېلىدە 21-ئەسىردىمۇ داۋام قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بېلىنى پۈكۈۋاتقان ھاشار ئالۋىنى بولۇپ، تورداشلار ھاشارنىڭ فېئودالىزمنىڭ يادنامىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي دېھقانلىرى بىلەن ئوخشاش جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، خىتايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھاشارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق باھانىسى بىلەن كېچىلەردە قالايمىقان ئۆي تەكشۈرۈش، يوللارغا توسۇق قۇرۇق ئۇيغۇرلارنىلا تەكشۈرۈشتەك تەڭسىز ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى توختىتىش، «ئاساسىي قانۇن» ۋە «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دا پۇقرالارغا بېرىلگەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ شوئارى ئاستىدا، خىتاي تىلىغا مەجبۇرىي كەچۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپلەردە ياسالمىلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىرلىقى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە مائارىپ قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زىيانكەشلىككە خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
تورداشلار يۇقىرىدا يازغان ئىنكاسلار ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رېئاللىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق يولۇقۇۋاتقان بۇ خىلدىكى تەڭسىزلىكلەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا ئورۇپ ئېلىپلا قالماي رادىئومىزدىمۇ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.