بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھېكىم قادىرنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە» نامى ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن دولقۇنىدا يېقىنقى 6 ئايدىن بېرى تۇتقۇن نىشانى سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى رەھبىرىي كادىرلارغا يۈزلەنگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە كورلىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلاردىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھېكىم قادىر قاتارلىق ئاز دېگەندە 4 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى ئىككى يىلدا يۇقۇرى پەللىگە چىققان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زەربە زەربە دولقۇنىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچى قاتلىمىدىن ئەڭ دەسلەپتە دىنىي زاتلار، ئارقىدىن سودا-كارخانىچىلار، ئۇنىڭدىن كېيىن تونۇلغان زىيالىلار تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، يېقىنقى ئايلاردىن بېرى نىشان سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلارغا قاراپ يۈزلەنگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى بىلەن يىللاردىن بېرى، ھەتتا دەۋرلەردىن بىر سەپ، بىر مەيداندا تۇرۇپ ئىشلەپ كەلگەن بۇ ئەمەلدارلارنى ئىككى يىلدىن بۇيانقى سىياسىي دولقۇندا ئاكتىپ بولماسلىق ۋە ياكى سىياسىي مەيدانىنى ئېنىق ۋە كەسكىن توندا ئىپادىلمەسلىك سەۋەبىدىنلا تۇتقۇن قىلغان. كورلىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم كورلىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ «خېلى بار» ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ كورلىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمەل تۇتقانلاردىنلا سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئاز دېگەندە 4 كىشى بارلىقىنى پاش قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاسلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھېكىم قادىر بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە كورلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەرگەن بىر سابىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» كورلىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا تۇتقۇننىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى يىل بېشىدا بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ 10 ھەتتا 15 يىل ئىلگىرىكى بەزى دېلولىلاردا ھۆكۈمنى يەڭگىل چىقىرىپ قويغانلىقى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە يۇمشاققوللۇق قىلغانلىقى سەۋەپ بولغان ئىكەن. يەنە بەزلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بولسا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋتىمۇ سەۋەپ بولغان ئىكەن. مەزكۇر سىياسىي-قانۇن خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاسلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھېكىم قادىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونۇم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىرىنىڭ تۇتقۇندىكى سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللا بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋتىمۇ بىر سەۋەپ بولغان ئىكەن. دېيىلىشىچە، تۇتقۇن ھېكىم قادىر تۇتقۇن مەمەت ئابدۇللانىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قىلغان تېلېفون ئالاقىسى سەۋەپلىك تۇتۇلغان ئىكەن.