د ئۇ ق ھىندونېزىيەنى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلاشقاندا دىققەت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2015‏- يىلى 23‏-دېكابىر ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتا ئەتراپىدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشاد رىشىت چارشەنبە كۈنى رادىئومىز مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «تېررورلۇققا قارشى ھەرقانداق ھەمكارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەسلىكى كېرەك» دېدى.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرى 23‏- دېكابىر پايتەخت جاكارتا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى تاپقان.

دائىرىلەر، ئالىي ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇرنىڭ فارۇز كۇسۇما، دېگەن ئېسىمدە يالغان ھىندونېزىيە كىملىكى قوللانغانلىقى، ئۇنىڭ ھىندونېزىيەدىكى غازاتچى گۇرۇھ- شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ شۇ مەزگىلدە ئىسلام دۆلىتىگە باغلىنىشلىق، دەپ قولغا ئېلىنغان «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن» گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى، دەپ قولغا ئېلىنغان 13 نىڭ بىرى.

ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگاننىڭ باشلىقى سەئۇد ئوسمان ناسۇتىيون رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ خىتايغا بىر گۇرۇپپا خىزمەت ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندونېزىيەدىكى غازاتچى گۇرۇھلارغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندونېزىيەدىكى غازاتچى گۇرۇھلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇشى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغايدىغانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە غازات تەربىيەسى ئېلىپ قايتىپ كېلىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن، خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى ئاساسسىز دېگىلى بولمايدىغانلىقى، بۇ تەھدىتنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ھەسەن: «بۇنداق تەھدىت مەۋجۇت. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانىيىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتىدۇ. ئېتىقادى جەھەتتىكى ئەركىنلىك بوغۇلغانلىقتىن ئۇيغۇرلار قېچىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتەلمىدى. ئەمما مالايسىيا، ھىندونېزىيە بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقى ناھايىتى يۇقىرى.
ئۇ يەردىكى ئاراللاردىكى مۇسۇلمانلار بەزىدە ھۆكۈمەتكە بەك قۇلاق سېلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى مۆكتۈرۈپ تۇرالايدۇ. بۇ ئەھۋالدا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى مۇشۇ زىددىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتى. شۇڭا خىتايدا بۇ ئەندىشىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، بۇ بىر رېئاللىق.»

لېكىن گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى‏-خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر ھەيئىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىۇس، تېررورلۇق گۇرۇھ-ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقان بەزى ئۇيغۇرلار بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، ئۇلار ئىنتايىن ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇنى ئومۇمىي ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس: «ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر ئىسلام دۆلىتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن زور مەسىلە. بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەسىلىمىز بارلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر تەشكىلات. بىراق بىز شۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار. ئۇلاردىن بىر قانچە كىشىنىڭ ئىسلام دۆلىتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشى ئۇنى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇنىڭ ئەكسىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەكىتلەپ كەلگەن خاتا قاراش. خىتاي خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ئالغا سۈرۈپ كەلگەن خاتا قاراش.»

ئەمما ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا ھەر خىل يوللارنى ئىزدەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي ئۈچۈن زور تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ: «ۋەزىيەت ئۇ نۇقتىغا بېرىپ يېتىشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك» دەيدۇ.

ئىلشات ھەسەن: «خىتاي سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي، ئۇلارغا بولغان بۇ زۇلۇمنى ئاشۇرۇۋەرسە، ھەر خىل ئېھتىماللىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇرۇن ئافغانىستاندا بولغان بولسا، ھازىر ئۇيغۇرلار ھىندونېزىيە، مالايسىيا تەرەپكە كېلىۋاتىدۇ، تۈركىيەدە بار. ئاستا-ئاستا يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كوممۇنىزمدىن قېلىپ قالغان ئۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ باشلىقلىرى 80-90 ياشلارغا كىرىپ قالدى. بۇلار ھامان بىر كۈنى ئۆلىدۇ 5-10 يىلنىڭ ئىچىدە، ئۇلار ئۆلسە بۇ يەردە يەنە داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن. ھەر قانداق داۋالغۇش ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئەتراپىدا توپلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىتايغا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت.»

ئەمما خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرېخ دېلىۇس ئەپەندى، ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش نىيىتى بارلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «باستۇرۇش مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس» دەيدۇ.

ئۇلرېخ دېلىئۇس: : «ھەممىگە ئايان بىر نەرسە شۇ، ئەگەر سەن شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىقنى ئىستىسەڭ، زوراۋانلىق ئىستىمىسەڭ، ھەر ئىككى تەرەپ ئولتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى سۆزلىشىشى كېرەك. خىتاينىڭ سىياسىتى ئۆزگىرىشى لازىم. ئەپسۇسكى، ھازىرغا قەدەر بىزدە خىتاينىڭ بۇنداق نىيىتى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق تەسىرات يوق. ئەكسىچە زوراۋانلىق كۈچىيىۋاتىدۇ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. مەيلى ئاياللار بولسۇن، مەيلى بالىلار بولسۇن ئىشقىلىپ ئۇيغۇر خەلقىگە زوراۋانلىق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ۋەقە سادىر قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى مۇناسىۋەتلىك، ياكى مۇناسىۋەتسىز بولسۇن تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ، ياكى ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ بۇ ھەرگىز مەسىلە ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس.»

ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارى ئوسمان ناسۇتىيون سەيشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز، بانكا كارتىسى، يانفونغا ئوخشاش دەلىللەرنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېگەن.

ئۇ، خىتايغا ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇ كىشىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

بۇ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 2015‏- يىلى ئۇيغۇرنى تېررورلۇق گۇرۇھىغا باغلاپ قولغا ئالغان 2‏-ۋەقە.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى 7‏-ئايدا ئەخمەت مەخمۇت، بايرام ئالتىنچى، ئابدۇلباسىت ۋە ئەخمەت بوزئوغلان قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى ھىندونېزىيە تېررورلۇق گۇرۇھىغا قاتنىشىش، چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئايرىم-ئايرىم 6 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. ئۇلار 2014‏-يىلى 9-‏-ئايدا مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ پوسو بازىرىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.