خىتاينىڭ ھۈسەنجان جېلىلنى تۈرمىلەردە لېكسىيە سۆزلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم

0:00 / 0:00


بىز ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغان كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇمات ئىگىلەش جەريانىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى ئالدىنقى قېتىمقى پروگراممىمىزدا سۆزلەنگەندەك، پەقەت قەشقەردىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە يەكەن تۈرمىسىگە ئەكەلمىگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھۈسەنجان جېلىلنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تۈرمىلەرگە شۇنداقلا قەشقەر شەھىرىدىكى يېزىلارغا ئاپىرىپ، لېكسىيە سۆزلىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.

بۇ ھەقتە ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ھازىر قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاچىسى خەيرىگۈل خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. گەرچە خەيرىگۈل خانىم ھۈسەنجان جېلىلنىڭ لېكسىيەلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلىمىغان بولسىمۇ ئەمما، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ تۈرمە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھەرقايسى تۈرمىلەر ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم يېزىلارغا ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرمىدىكى سىياسىي ۋە دىنى مەھبۇسلارغا لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مەلۇمات بېرىشىچە، ئۆتكەن قېتىم خىتاي دائىرىلىرى ھۈسەنجان جېلىلنى يەكەن تۈرمىسىگە، ئائىلە ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا لېكسىيە سۆزلىتىش ئۈچۈن ئەكەلگەن ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ھازىر قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان قىزى ئەسما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قەشقەردە ۋە ھەر قايسى تۈرمىلەردە لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇ ئارىدا كانادادىكى، خەلقئارا خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە قانىلى يەنى «گلوبال نېۋس» ئىشلىگەن، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس پروگراممىدا مەلۇمات بەرگەن، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئادۋوكاتى كىرىس ماكلوئاد كانادا تەرەپنىڭ ھۈسەنجان جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشى تەسكە توختاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇ يەنە: «بىر كانادا پۇقراسى قولغا ئېلىنغان، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىنغان تۇرۇقلۇق كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن خەۋەرلىشەلمىسە، ھەمدە بۇ ئادەم ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچۇرسا بۇ كانادا خەلقى ۋە كانادا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھاقارەت» دەيدۇ.

كىرىس ماكلوئاد ھۈسەنجان جېلىلنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا، تەن جازاسى ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى.

ئەمما ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھۈسەنجان جېلىلنىڭ سەپداشلىرىدىن ھەسەن قارىم، ۋەتەندىن تۈركىيەگە كەلگەن بىر كىشىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ روھى ھالىتىدىن، ئۆز ۋىجدانى بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، دەيدۇ.

ئەمما ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى رامىلە ئابلىمىت خانىم، ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشقا ئىگە بولۇپ، ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن - قىستاق بىلەن، ھۈسەنجان جېلىلنى مەجبۇرى توۋا قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جاسارىتىنى شۇنداقلا روھى ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالدىنقى قېتىم ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە ئىشلىگەن پروگراممىمىزدىمۇ، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ھەدىسى ۋە قىزى مەلۇمات بېرىپ ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ھازىرقى تۈرمە ھاياتىدا ۋە روھى كەيپىياتىدا، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور ئىلگىرىلەش ۋە ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بىز بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كۆرسىتىۋاتقان ئالاھىدە مەرھەمىتى شۇنداقلا، ئاتالمىش لېكسىيە سۆزلىتىش، قىلغان ئەتكەنلىرىگە توۋا قىلدۇرۇش مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ كانادالىق ئادۋوكاتى كىرىس ماكلوئاد قا ئۇنىڭ تور بېتىدىكى خەت ساندۇقى ئارقىلىق خەت يازغان بولساقمۇ، ئەمما تېخى جاۋاب كەلمىدى.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.