كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ ھۈسيىن جېلىل دېلوسى ۋە رايوندىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ھەققىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىنى تەنقىد قىلدى.
«شىنجىاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نامىدىكى بىر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كانادادا ئېلىپ بارغان زىيارىتى كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسيىن جېلىل ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە بولغان دىققىتىنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ۋەكىللەر ئۆمىكى» 31-ئۆكتەبىر كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا بىر قىسىم مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ھۈسيىن جېلىل دېلوسى، رايوندىكى ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
سۆھبەت يىغىنىدا «ۋەكىللەر ئۆمىكى» خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىدىكى قارارى بىلەن رايوندىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئاقلىغان. بىراق بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىپ، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قايتۇرۇپ كېلىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
«كانادا ئاخباراتى» ناملىق تور گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» كانادا شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ئالېكس نەۋې كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ئىستىراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەكىتلىگەن.
«بىر ئەركىن دۇنيا» ناملىق كانادا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئوتتاۋا دائىرىلىرىنى خىتايغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بېسىم ئىشلەتمىدى، دەپ قاراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى مەجىد ئەل-شافىي چارشەنبە كۈنى رادىيومىزدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى سودا بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كانادا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى لازىم. كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەر بىر خەلقئارا مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم شەكىللەندۈرۈشى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىشى كېرەك. كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ. بىراق ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر قىلغىنى يېتەرلىك ئەمەس.»
مەجىد ئەل-شافىينىڭ قارىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇدەك ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ «قاماق جازاسىنى ئازايتتۇق دېگىنى بىر بىمەنىلىك،» دەپ كۆرسەتتى.
مەجىد ئەل-شافىي يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قاماق جازاسىنىڭ ئازايتىلىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئۇنى يوقلىشىغا يول قويۇلۇشى قارىماققا ياخشى خەۋەردەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ياخشى خەۋەر ئەمەس. چۈنكى، ئۇ قاماق جازاسى ئازايتىلىدىغان بىر جىنايەتچى ئەمەس. ھۈسەيىن جېلىل شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى شەرتسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ كاناداغا قايتىپ كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا شەرتسىز يول قويۇلۇشى كېرەك. قاماق جازاسىنى ئازايتىش بىر جىنايەتچى ئۈچۈن ياخشى خەۋەر بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇ جىنايەتچى ئەمەس. ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇدەك ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلغان ئەمەس. شۇڭا خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى ئازايتتۇق دېگىنى مەن ئۈچۈن بىمەنىلىك.»
«ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ باشلىقى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زو فېڭ كانادا مۇخبىرلىرىغا قىلغان سۆزىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇنى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى. بىراق زو فېڭنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى «تېررورلۇق» قا چاتماسلىقى كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
زو فېڭ يەنە 2016-يىلى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قاماق جازاسى 18 يىلغا قىسقارتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلىشىغا يول قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادادىكى ئائىلىسىنىڭ ئادۋوكاتى كرېست ماكلېئود سەيشەنبە كۈنى كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە ئۇنىڭ ئايالىنى خىتايغا بېرىپ ھۈسەيىن جېلىلنى يوقلاپ كېلىشكە تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تىلەندىبايىۋا چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كامىلە تىلەندىبايېۋا مۇنداق دېدى: «ئۇ يەرگە بارىدىغان ھېچ نىمەم يوق. بالىلار چوڭ بولۇپ قالدى. ئۇلاردىنمۇ قورقىمەن. ھېچقانداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايمەن. خىتايغا ئىشەنچىم يوق. ھۆكۈمەتلەر كېلىشكەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭغا بەك ئىشەنچ قىلالمايمەن. بولمىسا بېرىپ كۆرۈشكۈم بار. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھېچ ئىشەنچ قىلالمايمەن.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ كانادا زىيارىتىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دۇر.
يىغىندا زو فېڭ، خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئاقلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «دىنىي ئاشقۇنلۇق گىردابىدىكى شەخسلەرنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قايتا تەربىيەلەش قارارىغا كەلگەن» لىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ، قانداق بولسا «دىنىي ئاشقۇنلۇق گىردابىدىكى كىشىلەر» بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. كانادا «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، زو فېڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان ھىجاپ، ساقال-بۇرۇت ۋە دىنىي ئىسىملارنى چەكلەشتەك تەدبىرلىرىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋىي كىيىم-كېچەك ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ئاسانلا ئاشقۇنلۇققا قېيىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يىلتىزىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلماقتىكەن.»
بىراق ئۇنىڭ بۇ سۆزى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىد ئەل شافىينىڭ تەنقىدىگە ئۇچۇرىدى. مەجىد ئەل-شافىينىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» دېگىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بىر خىل تەن جازاسى ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىر دېموكراتتىك، ئەركىن جەمئىيەت بولغان بولسا، مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىشىپ باققان بولاتتىم. بىراق ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ سۆزى ‹بىز مېڭە يۇيۇۋاتىمىز› دېگەنلىكتۇر. مەن ئۇنىڭ سۆزىگە شۇنداق جاۋاب بېرىمەن. ئەسەبىيلىك ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولى-بۇ خەلققە ئەركىنلىكىنى بېرىش. ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى بېرىش. ئۇلارنى كونترول قىلىش، جازالاش، ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش ئەمەس. ئۇ بۇ يولنى ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى، دەۋاتىدۇ. ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ توغرا يولى ئۇيغۇرلارغا تەن جازاسى بېرىشنى، ئۇلارنى كونترول قىلىشنى، ئۇلارنى بېسىۋېلىشنى توختىتىشتۇر. ئۇلارغا ئەركىنلىك بېرىش ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى.»
مەزكۇر «ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامىدا شىمالىي ئامېرىكانى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆمەك تەركىبىدىكى ئەزالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلار ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ياسىن ئۆمەكتىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئىكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە «ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ شىمالىي ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بۇ ئەللەردىكى ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، سودىگەرلەر، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر بىلەن ئۇچۇرىشىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ھەمدە خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» ئىستىراتېگىيەسىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00
