د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىن تەتىلگە قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەقىب قىلىش بۇيرۇقىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

«5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىگە يەنە 3 ھەپتىدەك ۋاقىت قالدى. بۇ ۋەقەنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنى دەل رامزان ئېيىنىڭ كىرىش ھارپىسىغا توغرا كېلىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىكى بۇ خىل توغرا كېلىپ قېلىش خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان.

دائىرىلەر ھەر يىلى رامزان ئېيىدا ۋە 5‏-ئىيۇل مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يىل يەرلىك ئورگانلارنى ئىچكىرىدىن تەتىلگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك دائىرىلەر ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلىش توغرۇلۇق بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان.

د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە چوقۇم يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، تەتىلدە قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەقىب قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، دەپ تەنقىد قىلدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلنى خاتىرجەم ۋە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلارغا روھىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى جەنۇبتىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە يوليورۇق بېرىپ، ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىل تەتىلدە چوقۇم يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنى، يەرلىك ئورۇنلار ئۇلارنى تىزىمغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى تەقىب قىلىشنى، ھەر جۈمە كۈنى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.

دائىرىلەر يەنە، يەرلىك مەمۇرىي ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ دىنىي تەقىبلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە جۈمە نامىزىغا بېرىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەسلىكنى، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جۈمە كۈنى يوقلىما قىلىپ، بۇرۇن ئوقۇغان مەكتىپىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇيرۇغان.

دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ دائىرىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك بۇ خىل كونترول ۋە تەقىبلەش ھەرىكىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بولسا ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، خۇسۇسەن جەنۇبتىكى ناھىيە، ۋىلايەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپ ۋە تەقىب قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا چەكلىمە قويۇش توغرۇلۇق بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىنىشىدۇر.

بىراق، ۋەزىيەتتىن خەۋەر بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە يازلىق ياكى قىشلىق تەتىلنى يۇرتىدا ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلىق ساقچى پونكىتى ياكى كەنت ئامانلىق ئىشخانىسىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ھەپتىدە 2-3 قېتىم «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۆگىنىشكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىش تۈزۈمى» بىر، ئىككى يىل ئاۋۋال يولغا قويۇلغان.

خوتەن پىيالما يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، مەزكۇر يېزىدىن سىرتقا چىقىدىغان ۋە سىرتقا چىقىپ كەلگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ساقچى پونكىتىغا كېلىپ، تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە قەشقەرنىڭ ياركەنت ناھىيىسى زەمىن يېزىلىق ساقچى پونكىتى ۋە مائارىپ تارمىقىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇلاردا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى سورىدۇق. زەمىن يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى بۇنداق بەلگىلىمە بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنىڭ نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يازلىق تەتىل پائالىيىتىنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتىشى «7‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنى رامزانغا توغرا ئېلىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ۋە ئەركىنلىك ئېڭى كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق بەزى ئاممىۋى جەمئىيەتلەر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس قاتارلىق سىياسىي شەخسلەر، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 7‏ ۋە 8‏-ئىيۇن كۈنلىرى كالىفورنىيەدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.