ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە «ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى» گە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇر تورداشلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى مەسىلىسى ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى بارغانچە تارىيىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2011-يىلى 8-مارت.
نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2011-يىلى 8-مارت.
AFP

بۇ خىلدىكى پىكىرلەر «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11-نۆۋەتلىك يېغىنى» ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېغىنى» مەزگىلدە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسال توربەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇنازىرىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم تور بېتىدە كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە پىكىر بايان قىلغان بىر تورداش، «ئىككى يېغىن» نىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى تەمىنلىگەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 18-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قاتار قۇرۇق شوئارلىرى ئارىسىدا ئۆزىگە ياققان مەزمۇنلارنىڭ «قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش، ئەمىلى ئىش قىلىش، چىرىكلىشىشكە، كۆز بويامچىلىققا قارشى تۇرۇش، خەلقنى ھەقىقىي رازى قىلىش ۋە ئومۇمى خەلق تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» تا بىر ئاز ئەكس ئەتكەن بولسىمۇ، «ئەمەلىيلەشكىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن.

مەزكۇر تورداش يەنە ئىككى يېغىن ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىگە ئىشارە قىلىپ: «خەلق ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشى، ھەقىقىي خەلقنىڭ ۋەكىلىگە خاس ئىش بېجىرىشى، خەلق ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىش لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلىرى لازىم» دېگەن.

ئۇ يەنە، يەرلىك ھوقۇقدارلارنىڭ «دوپپا دېسە، كاللا كۆتۈرۈپ كېلىشى» دەك ئۆز بېشىمچىلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرسە بولىدۇ دېگەنلىك، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئۆزلىرى خالىغانچە نېمە ئىش قىلسا بولۇۋېرىدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس» دەپ يازغان.

يەنە بىر تورداش «ئىككى يېغىن» نىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئېگە بولغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئىزاھات بېرىپ: «ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى چوقۇم مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ پىكىر قىلىشتا دادىل بولۇشى، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، يېڭىلىق يارىتىشتا جۈرئەتلىك بولۇشى كېرەك. ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن كونا نەزەرىيىۋى كۆز قاراشلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشى، خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى، خەلقنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەلىشى كېرەك» دېگەن بولسا، يەنە بىر تورداش «نۆۋەتتىكىدەك ھەممە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مەسىلىسى، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى مەسىلىسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولۇشتىكى كۆز بويامچىلىق مەسىلىلىرىنىڭمۇ قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق ۋەدىلەرگە ئايلىنىپ قىلىشلىرىغا خاتىمە بېرىشنىڭ زۆرۈر» لۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە بىر تورداش، بۇنىڭغا ئوخشاش يېغىنلارغا قانداق كىشىلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن سايلىنىدىغانلىقى ياكى تاللىنىدىغانلىقىدىن پەقەتلا خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ: «بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇپ تۇرۇپ، مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە سىنىپ باشلىقى سايلاپ باققاندىن باشقا، خىزمەتكە چىققاندىن بىرى بىرەر بۆلۈم باشلىقىنىمۇ سايلاشقا قاتنىشىپ باقماپتىمەن. شۇڭا ھەر قېتىم مۇشۇنداق يىغىنلار ئېچىلسا قانداق ئادەم بارغاندۇ، دەپ ھەيران قالىمەن» دېگەن.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە «ئىككى يېغىن» ۋەكىللىرىگە سۇنۇلغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلەردىن ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن.

  1. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرمىسىمۇ، ئاساسىي قانۇن بويىچە، باشقا خەنزۇ پۇقرالىرىغا ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
  2. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 9-يىللىق مەجبۇرى تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى توختىتىشى، ھەپتىدە ئۆتۈلىدىغان خەنزۇ تىلى دەرسى 5 سائەتتىن ئاشماسلىقى، خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاپ تاڭماسلىقى، تىل يېزىقىمىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلماسلىقى كېرەك.
  3. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كادىر ساقچى، كەنت ساقچىلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئاشكارىلىشى، تېلېۋىزوردا ئېلان قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ھۆكۈمىتىمىز بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.
  4. بىر ناھىيە ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇ يەردىن بۇ يەرگە بارسا مەركەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭلا كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشى بىزگە زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. باشقىلار نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن كېلىپ ئەركىن يۈرسە، بىز ئۆز يۇرتىمىز، ئۆز ناھىيىمىز تەۋەسىدىمۇ خاتىرجەم يۈرەلمىسەك بۇ قانداق بولغىنى؟ شۇڭا بىزگە ئادىل باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
  5. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەتتە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ساقچىخانا، دوختۇرخانا، بانكا... قاتارلىق ئورۇنلارغا چوقۇم ئۇيغۇر تەرجىمان ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.
  6. «قوش تىل» ئوقۇتۇشىغا ماسلىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەت ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇلماسلىقى، قىينىماسلىقى، تىل ئۆگىنىشكە قىستىماسلىقى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلۈشى، جەمئىيەتتە ئىناۋەت بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك. ھەر قايسى جايلاردىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى شۇ جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ بەش ھەسسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
  7. دوختۇرخانىلاردىكى داۋالىنىش، دورا، قوشۇمچە ئۈسكىنە ھەققى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىشى، دورىلارنىڭ باھاسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى، دوختۇرخانىلارنىڭ قاراقچىلار ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قىلىشىغا قويماسلىقى كېرەك.
  8. ھۆكۈمەت شىنجاڭغا بېرىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى ئايىماسلىقى، شىنجاڭ ئىچىدىكى كان، نېفىت، تەبىئىي گازلاردىن ئېلىنىدىغان باج نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى كېرەك.
  9. دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى خالىغانچە چېقىۋېتىشىگە يول قويماسلىقى، ئۇلارنىڭ ساقال بۇرۇت، ياغلىق ماركىلىرىغىچە ئارىلىشىپ، پەسلىك قىلماسلىقى كېرەك.
  10. نەچچە يىلدىن بېرى ھەر قايسى يىغىن، قۇرۇلتايلاردا سۆزلەپ ھېرىپ كەتكەن «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى» دىن ئىبارەت قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يۇقىرىقىدەك ئىش ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.
  11. خەلق رايىغا بېقىشى، پۇقرالارنى شىلىپ غاجاۋاتقان يەرلىك ئەمەلدارنى پاش قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
  12. مىللىي ئۆرپ ئادىتىمىزگە، مۇقەددەس دىنىمىزغا زىت كېلىدىغان تەشۋىقاتلارنى توختىتىشى، بۇ ھەقتە ئىلگىرى چىقارغان، تام گېزىتى، لوزۇنكا... قاتارلىق تەشۋىقاتلارنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈۋېتىش بىلەن بىرگە ئۆرپ ئادەت، دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت سەنئەت، مائارىپىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى، شۇنداق قىلىۋاتقانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.
  13. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق خەنزۇ تىلىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شىنجاڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەرسلىك قىلىنىپ، ھەپتىگە بىر سائەتتىن ئۆتۈلۈشى، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ھەمدەم بۆلىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭلا ئىشى ئەمەس، شىنجاڭدىكى خەنزۇ يولداشلارمۇ كۈچ چىقىرىشى، ئۆز-ئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
  14. سىرتتىن شىنجاڭغا كۆچمەن بولۇپ كېلىدىغان كۆچمەنلەرنى مۇۋاپىق تىزگىنلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نوپۇسى ئاز بولغان بىلەن كۆپلەپ نوپۇس كۆچۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىنسانلار ياشاشقا ماس كېلىدىغان زېمىنى چەكلىك. يەنە كېلىپ ئىككى مىللەتنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى، دىن ئېتىقادى ئوخشىمىغاچقا رەھبەرلەر بۇ خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. بەك كۆچۈرگۈسى كېلىپ كەتسە ۋىلايەت ئوبلاستلارغا ئەمەس، روتا پولكلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆچۈرگەي. سىرتتىن كەلگەنلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىختىلاپ چىقىدۇ، بۇ ئادەتتىكى ماجىرانى يەرلىكتىكى چوڭاملار ئادىل سورىمايدۇ.
  15. ئاخبارات ئەركىنلىكىمىزگە چېقىلماسلىقى، دۆلەت (ئۆزلىرى چىقارغان) ئاساسىي قانۇن يول قويغان دائىرىدىكى تور ئالاقىمىزگە ئارىلىشىپ تېتىقسىزلىق قىلماسلىقى، بولۇپمۇ تېلېگراف شىركىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان سۈزگۈچىنى ئېلىۋېتىپ، نورمال تور بايلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشى كېرەك.
  16. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرمۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بار دېيىلسە، بىزگە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنى يۈرگۈزىدىغان مەمۇرى ئورگاندىن بىرنى قۇرۇپ بېرىشى بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە، ئەڭ ئالىي مەمۇرى ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت