ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى باشلاندى. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇرۇنقىدەكلا بۇ ئىككى يىغىننىڭ خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىن بولۇپ قالىدىغانلىقى، يىغىندىن كېيىن بۇ مەملىكەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ قانداق ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقى، ۋەكىللەرنىڭ قانداق ئۇلۇقۋار پىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپلەرنى ئىلىپ كەلگەنلىكى، كوممۇنىستىك تۈزۈلمىنىڭ نە قەدەر ئىلغار تۈزۈلمە ئىكەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە كۈچەپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تور ئابونتلىرى ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بۇ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلماقتا.
كانادا «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مارك ماچكىننون «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلققە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«بۈگۈنكى خىتايدا كەڭ ئاۋام كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىشىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش،ئەمەلدارلار تەبىقىسىنىڭ ئاۋامنىڭ بايلىقىنى خالىغانچە تالان-تاراج قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى»نىڭ خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، ئەكسىچە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ قانداقتۇر ئۇلۇقۋار پىلانلىرى ھەققىدە ۋەزىخانلىق قىلىشى جەمئىيەتتە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانلىقتىن خەلق ئاممىسى ھاكىمىيەتنىڭ تاللىشى بىلەن «سايلانغان» بۇ ئاتالمىش ۋەكىللەرگە «لوڭقا» ياكى«مۇردىلار» دېگەندەك ناملارنى بەرمەكتە.
گەرچە خىتاينىڭ سايلام قانۇنىدا «پەقەت ئون نەپەر سايلىغۇچى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ھەر قانداق خىتاي پۇقراسى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە نامزات بولالايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايدىكى كوممۇنىستىك ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىگە قارشى بولغان ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەردىن تەركىب تاپقان «مۇستەقىل نامزاتلار» دەپ ئاتىلىدىغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر خىل بەتناملار بىلەن تەقىب ئاستىغا ئىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىدا يۈز بېرىدىغان ساختىلىقلار ھەققىدە توختالغان «لوس ئانجىلىس»گېزىتى مۇخبىرى باربارا دايمىك مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتايدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشنى خالىغانلار مۇنداق ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى لازىم، بىرىنچىسى؛ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە سادىق بولۇش، ئىككىنچىسى، كوممۇنىست ئەمەلدارلارغا پارا بېرىش. چۈنكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئاۋام ئەمەس، بەلكى ئەمەلدارلار «سايلايدۇ».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى خۇسۇسى كارخانىچى خۋاڭ يۈبىڭ سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىچىگە مىڭ يۋەندىن خەلق پۇلى سېلىنغان 470 دانە كونۋىرت تەييارلىغان ھەمدە 2013-يىلى 2-يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئوڭۇشلۇق ھالدا خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 29-يانۋار كۈنى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتايدىكى سايلاملاردا يۈز بېرىۋاتقان ساختىلىقلارنى ئېچىپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدىكى تور بەتلەردە ئابونىتلار تەرىپىدىن قاتتىق مەسخىرە قىلىنىۋاتقان ھەمدە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان يەنە بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شىن جىلەن ئىسىملىك 84 ياشلىق ئايالدىن ئىبارەت. بۇ ئايال خىتايدىكى 1954-يىلقى بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغىچە بارلىق قۇرۇلتايلارغا تولۇق قاتناشقان بىردىن-بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن سايلىغۇچىلار بىلەن ئۇچراشمايدىغانلىقى ھەمدە قۇرۇلتايلاردا ئەزەلدىن قارشى ئاۋاز بەرمەيدىغانلىقى بىلەن ماختىنىپ يۈرگەن بۇ ئايال بۇ يىل 30-يانۋاردا خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا يەنە بىر نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان.
كۆزەتكۈچىلەر كوممۇنىست دائىرىلىرى تەرىپىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى ۋە يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دېموكراتىك تۈزۈم دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ۋاسىتىلىك سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈلمىسىنىڭ كۈندىن -كۈنگە خەلق ئاممىسىنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈزۈلمىنىڭ ئاقىۋەتتە خىتايدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.