خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 800 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا باشلىغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى دېموكرات ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچراۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كرىزىس ئىچىدە قالغانلىقىنىڭ ۋە رايوندىكى مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ساقلىشىنىڭ تەسكە چۈشۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدىكەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە 11-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىللىق تەپتىش خىزمىتى خۇلاسە يىغىنى ئاچقانلىقى، يىغىندا بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە 800 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغان كادىرلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ۋە 2017-يىلىدىكى خىزمەت نىشانىدا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلىنىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنىڭ تەكىتلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا 2016 يىلى پۈتكۈل رايون تەۋەسىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن تەكشۈرۈلۈپ دېلو تۇرغۇزۇلغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى سانى 835 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان. بۇلاردىن پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن كادىرلار 687،خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى ئارتىلغان كادىرلار 148 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنىپ، تەپتىش ئورگانلىرى ئۇلارنى، ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ دېلو تۇرغۇزغاندىن كېيىن، سوتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە، يىغىندا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ 2017-يىلدىكى ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش» تەكىتلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ئۆز سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ساداقىتىنى سىناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بايانىدا، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان بۇ خىل زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا ئارتىپ، ئۇلارنى جازالاش ئارقىلىق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى جاۋابكارلىقتىن، خەلقئارانىڭ تەنقىدلىشىدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەپ، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 2016-يىللىق تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى دائىرىلەر 10-فېۋرال جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت خەۋىرىدىكى جازالانغان 7 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالاشتا ھەر ۋاقىت ئۇلارغا «خىزمەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، بىپەرۋالىق قىلىش، دىنىي رادىكاللىق ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتە ئىرادىسى مۇستەھكەم بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان يەرلىك كادىرلارغا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى ۋە رايوندا مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا قارىتا بۇ خىل ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، زەربە بېرىش ۋە ۋە جازالاش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئەتراپىغا توپلاش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى جاۋابكارلىقنى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئارتىش، ئۇلارنى جازالاش ئارقىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېخىمۇ زور قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە رايوندا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.