ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش» چاقىرىقى ئومۇملاشماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي جەھەتتىكى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىر ھالقىسى جاي-جايلاردىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش» ھەققىدىكى چاقىرىقلار ۋە ئېلانلار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بەزى ئورگانلار مەخسۇس بۇ ھەقتە جەدۋەل ئىشلەپ چىقىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى كۈرەشتە قانداق مەيداندا ئىكەنلىكىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى ئۆلچەشنىڭ بىر مۇھىم شەرتى قىلغان. ھالبۇكى، ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە شىددەت بىلەن كېڭەيتىلىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دەل ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشىغا چېتىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنمەكتە. بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنىڭ كىشىلەرنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر تەرىپى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى نورمال ھېسابلانغان بەزى ئىشلارنىڭ نۆۋەتتە قايتىدىن قاراپ چىقىلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بولۇپ قالغانلىقىدۇر.

يېقىندا بورتالا شەھەرلىك پارتكوم تارقاتقان «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى پاش قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشىنىڭ چوڭ جەھەتتىكى دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن:

بىرىنچى، مەركەز ياكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇنىڭدەك بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەر ھەققىدە قالايمىقان سۆزلىگەنلەر

ئىككىنچى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ياكى ئۈزۈل-كېسىل بولمىغانلار

ئۈچىنچى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا ئاخبارات ياكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ياكى باشقىلارغا تەمىنلەش ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە زېمىن ھازىرلىغانلار

تۆتىنچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيانلىق گەپ-سۆزلەر شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەسەر يازغانلار

ئۇقتۇرۇشنىڭ قالغان قىسمى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ھەرىكىتىنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى ئىپادىلىرى ھەققىدە بولۇپ، بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى سادىر قىلغۇچىنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ بېكىتىشكە بولىدىكەن.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بورتالا شەھىرى خوڭشىن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچى خادىمى مەزكۇر پاش قىلىش ئۇقتۇرۇشى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋالنى شۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلمىغان مۇكاپات پۇلى ھەققىدىكى ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن بىز بورتالا شەھىرىگە قاراشلىق گۇسۇ ساقچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي ساقچى بىزنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش» ئۇقتۇرۇشى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نېمىنىدۇر گۇمان قىلىپ دەرھاللا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. قايتا ئۇرغىنىمىزدا باش ئاپپاراتتىن «بۇنداق نومۇر يوق» دېگەن ساختا ئۇچۇر ئاڭلاندى.

ئاخىرىدا بىز مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. مەسئۇل ئايال كادىر تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ھازىر بۇ خىلدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» كىشىلەرنى پاش قىلغانلارغا مۇكاپات بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كادىر: سىز نېمە دەپ ئىشخانىمىزنىڭ نومۇرىغا تېلېفون قىلدىڭىز؟
مۇخبىر: ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش ھەققىدىكى مەسىلە ئۈچۈن. بۇنى پاش قىلغانلارغا مۇكاپات بېرەمسىلەر؟
كادىر: بۇنىڭغا. . . . . مۇكاپات بەرمەيمىز.
مۇخبىر: مۇكاپات يوق، دەڭ. شۇنداقمۇ؟
كادىر: شۇنداق، مۇكاپات يوق.
مۇخبىر: بۇ ئۇقتۇرۇشنى قايسى ئورگان چىقارغان؟ بورتالا شەھىرىمۇ؟
كادىر: بۇنى. . . سىز ئاشۇ كۆرگەن ئۇقتۇرۇشنى قايسى ئورگان چىقارغان بولسا شۇ ئورگاندىن سوراڭ. شۇڭا بۇنى بىز بىلمەيمىز.
مۇخبىر: ئۇقتۇرۇشتا سىلەرنىڭ مۇشۇ نومۇرنى يېزىپ قويۇپتىغۇ؟
كادىر: بىزنىڭ مۇشۇ نومۇرنى دەمسىز؟
مۇخبىر: شۇنداق، دېمەك بۇ خىل پاش قىلىشلارغا مۇكاپات پۇلى بېرىلمەيدۇ - دەڭ!
كادىر: شۇنداق، بېرىلمەيدۇ.
مۇخبىر: بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىمۇ بارمۇ؟
كادىر: يوق.

ئاندىن بىز مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان مەزمۇنلارنىڭ روھى بويىچە قانداق ئىشلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئەمما بۇ خىتاي كادىر ئۆزىنىڭ پەقەت «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، پاش بولغان ئەھۋاللارنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگاننىڭ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: بىر قىسىم كىشىلەر پەقەت ھۆكۈمەت قانۇنلۇق نەشر قىلغان «قۇرئان» نى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى، بۇ ئادىل بولمىدى، دېگەنلەر «ئىككى يۈزلىمىچى» بولامدۇ-يوق؟
كادىر: بىز بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئالدى بىلەن دەلىللەيمىز، ئاندىن بېكىتىمىز. بىز تاپشۇرۇۋالغان ئەھۋاللار پەقەت «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ھەققىدىكى بىر يىپ ئۇچى. بۇ ئەھۋال «ئىككى يۈزلمىچىلىك» كە مەنسۇپمۇ-يوق دېگەن ئىشلارنىڭ خاراكتېرىنى بىز بېكىتمەيمىز. بۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان بېكىتىدۇ. بىزنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىشتىكى مەقسىتىمىز مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا دائىر يىپ ئۇچىنى توپلاش. شۇڭا بىز دەماللىققا بۇنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتەلمەيمىز.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، بۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە مەنسۇپ ياكى ئەمەسلىكىنى قايسى ئورگان بېكىتىدۇ؟
كادىر: بۇنى مەخسۇس بېجىرىدىغان ئوبلاستلىق. . . . توختاپ تۇرۇڭ-ھە. . .

ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلاردا ھەرقاچان مۇئەييەن ساندىكى مۇكاپات سوممىسى بېكىتىلىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مۇشۇ خىلدىكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئەمما بورتالا شەھەرلىك پارتكوم ئېلان قىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مۇكاپات سوممىسى ئېيتىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە يىپ ئۇچى توپلاۋاتقان خىتاي كادىرمۇ بۇ خىلدىكى پاش قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ماددىي مۇكاپات بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن پىكىر قىلىپ، رايون تەۋەسىدە ئەۋج ئالغان زىيادە سىياسىي باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئومۇمىي ۋەھىمە مۇھىتىدا بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇشلار مۇكاپات بېرىلمىسىمۇ داۋاملىق رول ئوينايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋال ئىگىلەشلىرى جەريانىدا بۇ خىلدىكى«ئىككى يۈزلىمىچىلىك» سەۋەبىدىن تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنغان كادىرلارنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ خىتاي كادىرنىڭ يوقلۇقى ئاشكارا بولغان ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بورتالا شەھەرلىك پارتكومنىڭ بۇ خىلدىكى پاش قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشىنى ئېلشات ھەسەن نوقۇل ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان سىياسىي ھەرىكەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرلىرى ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باش ئاپپاراتنىڭ ئاپتوماتىك جاۋاب قايتۇرۇش سۇپىسى بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا.