يېقىندا ياپونىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ «ياپونىيەدىكى خىتاينى قوللايدىغانلار ۋە ئۆز ۋەتىنىنى ساتىدىغانلار» ناملىق سىياسىي مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالە ياپونىيەدىكى «ياپونغا قارشى ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان.
ئاپتور ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان.
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىدىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئىلھام مەخمۇت ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بارلىق ھەققانىي، تىنچلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك سىياسىي بەتناملار بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقنى گەۋدىلەندۈرگەن.
ئىلھام مەخمۇت ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.
ماقالىدە ياپونىيە دۆلىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان ھالدا، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئىلھام مەخمۇت ماقالىسىدە ياپون دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ ياپونىيەگە بولغان تەھدىتىگە سەل قارىماسلىققا چاقىرغان.
بىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن مەزكۇر ماقالە توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
