خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوندا كىملىك ئىشلىتىش تۈزۈمى نارازىلىق قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 15-سېنتەبىر كۈنى «توردا مال سېتىشقا قارىتا سىناق بەلگىلىمىلەر» ناملىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، توردا مال سېتىش ۋە سېتىۋېلىشتا كىملىك تۈزۈمىنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، خىتايدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوندا كىملىك ئىشلىتىش يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلانغاندىن بۇيانقى يەنە بىر يېڭى بەلگىلىمە بولۇپ، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بۇ بەلگىلىمىلەرگە قارىتا ئىنكاسلار كۆپەيگەن.

ئۇقتۇرۇشتا 2010-يىلدىن بۇيان خىتايدىكى تور سودىسىدا كىملىك ئىشىتىلىش يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن شىركەت ۋە شەخسلەر بۇ بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن،بۇندىن كېيىن توردا مال ساتقۇچىلارنىڭ توردا مال سېتىشتىن ئىلگىرى، كىملىكى بويىچە سودا-سانائەت باشقارمىسىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، سودا-سانائەت باشقارمىسىنىڭ تور بېكىتىدە كىملىكى بويىچە تىزىملاتمىغانلارنىڭ «قانۇنسىز تىجارەت قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى» بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ھەتتا قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاي سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئېلانى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم تورداشلار دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوندا كىملىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوندىكى ئەركىنلىكى بارغانچە تارىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئىنتېرنېتتا كىملىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ توردا تىجارەت قىلىش دائىرىسى چەكلىمىگە ئۇچراپلا قالماستىن، توردا مال سېتىۋالغۇچىلاردىنمۇ كىملىك تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، تورداشلارنىڭ ئىنتېرنېتتىكى بارلىق پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئى پ ئادرېسى ئارقىلىق تور ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. سىننا تورىدا بىر تورداش سودا سانائەت باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ يەنە بىر خىل ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،«تېلېفوندا كىملىك ئىشلىتىش تۈزۈمىدىن كېيىن، ئىنتېرنېتتىمۇ كىملىك ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى. ئىنتېرنېتتا مال سېتىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بىزدەك كىچىك تىجارەتچىلەرنىڭ يولى بارغانچە تارايماقتا. نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىل كىملىك تۈزۈمى، ئەمەلىيەتتە بىز جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى سودا ئەركىنلىكىمىزنىلا ئەمەس، بەلكى كۆرۈش، سۆزلەش ئەركىنلىكىمىزنىمۇ يوق قىلماقتا» دېگەن.

ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تورداشلار يەنە، نۆۋەتتە تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىش بىرقەدەر ئەركىن دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەيدۇ تورىدا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بىر تورداش مۇنداق يازغان «ئاۋغۇست ئېيىدا توردا پىتنە-پاسات تارقاتقۇچىلار جازالىنىدۇ، دېگەن ئۇقتۇرۇش بىلەن تەڭ، نۇرغۇنلىغان شەخسى بلوگلار تاقىۋېتىلىپ، ئىنتېرنېتتا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغۇچىلار ئۆسەك سۆز تارقاتتى دەپ قولغا ئېلىندى. مانا ئەمدى ئەركىن سودا قىلىشمۇ چەكلىنىپ، توردا مال سېتىش ۋە ئىنتېرنېتتا چەتئەل تورلىرىغا كىرىپ مال ئېلىشتىمۇ، سودا-سانائەت باشقارمىسىغا كىملىك تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنماقتا. ئىلگىرى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا بارغىنىمدا، ئۇ يەردە ئىنتېرنېت ۋە تېلېفونغا قويۇلغان چەكلىمىلەردىن بىزار بولغان ئىدىم. مانا ئەمدى بۇ تۈزۈم نىسبەتەن ئەركىن دېيىلگەن ئىچكى ئۆلكىلەردىمۇ يولغا قويۇلماقتا. جۇڭگو پۇقرالىرىنى كۈتۈۋاتقىنى قاتمۇ-قات توسۇق ۋە چەكلىمىلەر بولسا كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنغان رايونلار بولۇپ، بۇ رايونلاردا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوندا سەزگۈر ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلارمۇ ئەڭ كۆپ بولغان. خىتاي دائىرىلىرى 2011-يىلى 11-ئايدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىدە كىملىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ تۈزۈمنى ئەڭ ئاۋۋال تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن. تىبەتتە 2011-يىل 11-ئايدىن باشلاپ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىكى بويىچە تىزىملىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلىنىپ،بۇ تۈزۈم 2011-يىل 12-ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2012- يىلى يىل يېڭى يىلدىن باشلاپ قول تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەردىن كىملىك بويىچە تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. 2013-يىل 27-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،«شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش تەلىپىگە ئاساسەن، 3-مايدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈريول بازىرى ئەتراپىدىكى نىمكەش تېلېفون بازىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا 3-مايدىن كېيىن نىمكەش تېلېفون بازىرىدىمۇ كىملىك بويىچە تېلېفون سېتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئىلگىرى كىملىك ئىشلىتىلمەي سېتىلىپ بولغان تېلېفون كارتىلىرىنىڭ مۇلازىمىتى توختايدىغانلىقى»نى جاكارلىغان.

يېقىندا ئاقسۇ ۋە قەشقەردە 9 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، «توردا دىنىي رادىكاللىقنى تەشۋىق قىلغان، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ جازالانغان ئىدى.