قارامايلىق ئانىلار: بىز كۆپ جايلارغا بېرىپ ئەرز قىلدۇق، ئەمما ئەرزىمىز ئاقمىدى

0:00 / 0:00

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ خىزمەت پۇرسەتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە بەرگەنلىكى ۋە قارامايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەت ياشلىرىدىن 5000 دىن ئارتۇق ستۇدېنتنىڭ ئىشسىز قېلىشىدەك ۋەزىيەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن سەككىز نەپەر قارامايلىق ئانا يېرىم يىلدىن بۇيان كۆپ جايلارغا ئەرز قىلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، ئالداش، پوپوزا قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

بۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ، يۇرتى قارامايغا قايتقاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماي داۋاملىق ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ياشلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، ئەمما قارامايدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە بېرىلىشى قارامايدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقنى نارازى قىلغان.

5000 دىن ئارتۇق ستۇدېنتنىڭ ئىشسىز قېلىشىدەك ئەھۋال ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن دىلبەر خانىم قاتارلىقلار ئەرزىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېرىم يىلدىن بۇيان يولۇققان قىسمەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرى بارغان مەركىزى ھۆكۈمەت ئەرزىيەت ئىدارىسى، خىتاي نېفىت باش شىركىتى قاتارلىق سەككىز ئورۇندىن ئوخشاش جاۋابنى يەنى «سىلەرنىڭ ئەرزىڭلارنى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللىدۇق» دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 2-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە، 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە قارامايغا 100 مىڭ خىتاي نوپۇسى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە خىتايدا 2010-يىلى 11-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى قارامايدا دائىملىق تۇرۇشلۇق نوپۇس 391 مىڭغا يەتكەن. بۇ يىلى قارامايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر 71 مىڭ 743 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 18.35% ئىنى ئىگىلىگەن. ھالبۇكى، 2010-يىلى قارامايدا دائىملىق تۇرۇشلۇق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى 319 مىڭ 265 ئادەمگە يەتكەن. ئەمما 2000-يىلى قارامايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى 219 مىڭ بولۇپ، 100مىڭ خىتاي نوپۇسى كۆپەيگەن. بۇ سان 2000-يىلى قارامايدا ئېلىپ بېرىلغان 5-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىكى ساندىن 51.32% ئاشقان. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 10 يىل ئىچىدە قارامايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 100 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي نوپۇسى ئاساسەن قارامايدىكى نېفىت شىركەتلىرىگە مۇقىم خىزمەتچى سۈپىتىدە يۇقىرى مائاش بىلەن يەرلەشتۈرۈلگەن.

قاراماي دائىرىلىرىنىڭ 2013-يىلدىكى جەمئىيەتتىن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قارامايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن 106 ئىدارىگە جەمئىي 114 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەر ئىچىدە خىتايلاردىن 79 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن 19 نەپەر ئېلىنىدۇ، قالغان 16 كىشىگە مىللەت چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

دىلبەر خانىم يەنە، دائىرىلەرنىڭ تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 2000-يىلدىن بۇيان، قارامايدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بولسا ئۆز زېمىنىدا 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قارامايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، قارامايدىن كەلگەن سەككىز نەپەر ئانا قارامايغا كېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بولۇپ، 1-ئىيۇن كۈنى بىرەر، بىر ئايال ئىككى نەپەر ساقچى خادىمى قارامايلىق ئانىلار بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا كېلىپ، ئۇلارنى «جەمئىيەتتە يەنىمۇ يامان تەسىر بەرمەسلىك ئۈچۈن ئەڭ تېز مۇددەت ئىچىدە قارامايغا قايتىش» قا بۇيرۇغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق قىسمىتىدە قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەر شارى مۇھىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئەلۋەتتە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېقىشىدەك ئەھۋالنى چەكلىيەلمەيمىز. لېكىن، ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئالدى بىلەن يەرلىك ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك»