تۈركىيەدە چاقىرىلغان «13-نۆۋەتلىك ئىسلام دۇنياسى ياشلىرى يىغىنى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە چاقىرىلغان 13-نۆۋەتلىك ئىسلام دۆلەتلىرى ياشلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى قاتناشتى.

8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنقەرەدە باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ئالى قۇرت ئەپەندى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفگان ئەلا ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفگان ئەلا ئەپەندى قىلغان نۇتقىدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا توختالغان.

4 كۈن داۋاملاشقان يىغىندا 50 ئىسلام دۆلىتىدىن كەلگەن ياشلار ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن 15-ئىيۇل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى باستۇرالىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا ئۇلارغا ئىگە چىقىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز 13-نۆۋەتلىك ئىسلام دۇنياسى ياشلىرى يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، 19-ئاۋغۇست كۈنىدىن 22-ئاۋغۇست كۈنىگىچە داۋاملاشقان يىغىنغا 50 ئەتراپىدا ئىسلام دۆلىتىدىن 200 ئەتراپىدا ياشنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەرگەن 20 مىنۇتلۇق دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىمى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى يىغىن جەريانىدا 50 دۆلەتتىن كەلگەن مۇسۇلمان ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، ئۇلاردىن ياخشى ئىنكاسلارنى ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

سۈرىيەلىك مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك ئىسلام ياشلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان نىزام ئۆمەر ئەپەندى، يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۇنجى قېتىم قاتنىشىۋاتىمەن. يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۆز ‏- ئارا چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمىز. دەردلىرىمىزنى ئورتاقلىشىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا كېلەچىكىمىز ياخشى بولىدۇ.»

نىزام ئۆمەر ئەپەندى سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ۋەھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تېلېۋىزىيەدىن كۆرۈۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار. خۇدايىم بۇيرۇسا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈرىيە خەلقى بۇنىڭدىن قۇتۇلار. مەن دوكلاتىمدا 50 دۆلەتتىن كەلگەن 200 ئەتراپىدا ياشقا سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتىم.»

ئىسلام دۆلەتلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدا 40 ئىسلام دۆلىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 300 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئىسلام دۇنياسى ياشلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار 2013 يىلى شىمالىي سېپرۇستا چاقىرىلغان يىغىنغا، 2014-يىلى بولسا تۈركىيەنىڭ ساكاريا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار يىغىنىغا، 2015-يىلى مالايشىيادا چاقىرىلغان ياشلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىدا دوكلات بەرگەن.