1-ئاينىڭ 29-كۈنى يەكشەنبە، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى قايتىدىن سايلاپ چىقىلدى. سايلامغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىكى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.
ئالدى بىلەن سايلام كومىتېتى بەلگىلەنگەن بولۇپ، سايلام دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئاۋاز تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. سايلام شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئىلغار ئالىپتېكىننىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ۋەقىپنىڭ ئاساسى قاتلام رەھبەرلىكىدىن ئابدۇجېلىل تۇران، مەتىن ئۆزكان، دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان سايلام كومىتېتى سايلامنى نازارەت قىلدى.
سايلامغا يەنە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ چوڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى گېرمانىيەدىن كېلىپ قاتناشتى.
سايلام نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسلىكىگە دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سايلاندى. باش كاتىپلىققا دوكتور ئۆمەر قۇل قايتا سايلاندى. ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە مەتىن ئۆزكان، مۇھەممەت نۇر تۇرپان، مۇھىتتىن جانئۇيغۇر، مەھمەتجان قەشقەرلى ۋە خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر يېڭىدىن سايلاندى.
بىز بۇ سايلام توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلانغان دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە يېڭىدىن سايلانغان خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ۋەقىپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.