10-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «دۇنيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.
بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى چاغداش تىل-ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم دۇنيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، ئۆزگىرىشلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى دېگەن تېمىدا توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم دۇنيادىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ رىقابەتلىشىۋاتقان كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي بېسىمىنىڭ تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبلىرى بولسا، خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا باغلاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، تۈركىيەمۇ بۇ يېڭى يىپەك يولىغا قىزىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاي يىپەك يولى بەلۋېغىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يېڭى يىپەك يولى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق، ئىران، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا كېڭىيىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق، ياۋروپا بازىرى بىلەن خىتاي بازىرىنى باغلاشنى، بۇ ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا تىجارەت بازىرىنى كېڭەيتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى دۇنياۋى بازاردىن سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاخىرقى ھېسابتىكى پىلانى بولسا، ئىقتىسادى پىلانلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا ئۆزىنىڭ بىرىنچى جاھانگىر خوجايىن دۆلەت بولۇش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنى پىكىر- قاراشلارنىڭ ئوخشاشماسلىق ئايرىمىچىلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
يىغىندا يەنە پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
پروفېسسور جەلال ئەرباي سۆزىدە، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ پەقەتلا يوقلۇقىنى، بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سەزگۈرلۈك بىلەن جىددىي قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا ھېچقانداق بىر شۈبھىنىڭ يوقلۇقىنى دەپ ئۆتتى.
يىغىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆز قىلىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ھالدا قەدەم، باسقۇچلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە بۇ توغرىدىكى پىكىر-تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.