ئىستانبۇلدا «تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى: نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا ئىستراتېگىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىندا تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلدى.

يېغىن ئاساسەن، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى مۇناسىۋەتلىرى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىدىن كۈتىدىغان پايدا-مەنپەئەتلىرى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى قاتارلىق ئۇچ مەزمۇنغا يىغىنچاقلاندى.

يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىدىن كۈتكەن پايدا-مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ يېقىنلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە مەنپەئەتى ئۆز-ئارا يېقىنلىشىشقا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەنىڭ خىتايدىن كۈتىدىغان پايدا-مەنپەئەتى توغرىسىدا توختالدى. تۈركىيە بولسا خىتايدىن ئىبارەت چوڭ دۆلەتنىڭ سودا بازىرىغا كىرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي بازىرىدا سېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پەن تېخنىكىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەر ئىككى ئېھتىياج خىتايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ پەن-تېخنىكىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەردىن دوست ئىزدەۋاتىدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىن كۈتىدىغان مەنپەئەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى بار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي يەنە غەربكە ئېچىلىش ئۈچۈن ياساۋاتقان يىپەك يولى پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تىنچ بولۇشى كېرەكلىكىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى سودا رامكىسى» لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بۇ توغرىدا كېلىشىم تۈزۈشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم دوكلاتىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىشىشى كېرەكلىكى ۋە ياكى پۈتۈن تەشكىلاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى شۇنداقلا ئەنقەرەگە بىر ۋاكالەت ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى ئېچىش كېرەكلىكى، ئەنقەرە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان شەھەر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە مەنپەئەتلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك بىر يول خەرىتە سىزىش كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىرلىشىشكە چاقىرىق قىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلاردىن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.