ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

1-ئۆكتەبىر كۈنى، يەنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغان «ماتەم كۈنى» سۈپىتىدە ھېسابلايدىغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر -ئايال بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نامايىش چۈشتى ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلانغان بولۇپ نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكا ۋە تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تارابىيە دېڭىز بويىدىن خىتاي كونسۇلخانىسى دەرۋازىسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى.

خىتاي كونسۇلخانىسى ئىستانبۇلنىڭ سارىيەردىكى تار بىر كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلار بىر-بىرى بىلەن قىستىلىشىپ دېگۈدەك ماڭدى.

نامايىشچىلار بىردەك «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «ھەق-ھوقۇق، ئادالەت تۈركىستانغا ھۆرىيەت»، «مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە؟»، «تۈركىيە ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق!»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان»، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

بىر قىسىم نامايىشچىلار، خىتاينىڭ يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، رەسىملەرگە«ئاكام قەيەردە، يولدىشىم قەيەردە؟ ئانام-دادام قەيەردە؟» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان.
نامايىشقا تۈركىيەدىكى دۇغان خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە قانىلى، تى ۋى 5 قانىلى قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە خەۋەرلەر تارقاتتى. نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بايانات ئوقۇدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 1-ئۆكتەبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارا ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «1949-يىلى 1- ئۆكتەبىر كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئۆز ۋەتەنلىرىدە ئاسارەتكە مەھكۇم بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلانغان قارا كۈننىڭ باشلىنىشىدۇر».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان رەسمىي رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا 1 مىليون، تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 3 مىليون ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ تەربىيەلەش مەركىزى نامدىكى جازا لاگېرىغا قامالدى. قوشماق تۇغقانچىلىق نامى ئاستىدا خىتاي خادىملىرى ئەرلىرى لاگېرغا قامالغان ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ ئائىلىلەر ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇرلاندى. ياش قىزلىرىمىز خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاندى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش، تېلېفوندا كۆرۈشۈشىنىڭ ئىمكانىيىتى قالمىدى. تېلېفوندا ئالاقە قىلغانلار شۇ ھامان تۈرمىگە قامالماقتا. تۈرمىگە ۋە ياكى جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر يوق، نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيمىز».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە دۆلەت رەئىسى ئەردوغاننى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بىز نامايىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.