ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بىرلىك-باراۋەرلىككە چاقىرىق قىلىندى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنىنىڭ 3-ئايلىقى 4-چېسلا جۈمە كۈنى جەمئىيەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن گوللاندىيەدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن مەرھۇم ئابدۇرازىق بايراق ئەپەندىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىندى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلخېلىل ئابىتئوغلى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم سۆز قىلىپ قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە ئايەتنى تەپسىر قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم سۆزىدە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك توغرىسىدا توختالدى ۋە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىگەندە كۈچ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى، بىرلىك-باراۋەرلىك بولمايدىكەن، نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، غەلىبە ۋە نەتىجىنىڭ ئاچقۇچى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە، دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام سۆز قىلىپ بىرلىك باراۋەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، داۋا يولىدا ئىشەنچ بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇش توغرىسىدا توختالدى.

ئىبراھىم داموللام يەنە، ئىمان ۋە ئىشەنچ بىلەن داۋا يولىدا چىڭ تۇرۇش غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى، ئىمان ۋە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرغاندا ئۈمىدسىزلىكنى يوقىتىپ غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش مۇمكىن ئەمەسىلىكىنى، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرغاندا ئاز سانلىقنىڭ كۆپ سانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ قۇرئان كەرىم ۋە ئىسلام تارىخىدىن ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسەتتى.

يىغىن ئاخىرىدا كۆپچىلىك ۋەتەنپەرۋەر پائالىيەتچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشى بىلەن، خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە ناھەق يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇشى ۋە ئۇلارغا سەبىر تاقەت ۋە سالامەتلىك تىلەپ دۇئا قىلدى.

يىغىننىڭ ئالدى‏- كەينىدە ئىستانبۇلنىڭ يىراق-يېقىنلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر-بىرى بىلەن ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملاشتى ۋە ھال ئەھۋال سوراشتى. يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان ياشلاردىن سابىر ھاجىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سابىر ھاجىم بۇ يىغىندىن كۆپ پايدىلانغانلىقىنى، ھەر قېتىمقى يىغىندا مەنىۋى ئوزۇق ئېلىۋاتقانلىقىنى، قېرىنداشلار ئارا ئۇچراشقاندىن كېيىن روھى كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.