كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلۈشىگە ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان «ئىختىساسلىق خادىملار» 28 مىڭ 137 نەپەر بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا 1-تۈركۈمدە 1755 نەپەر كىشى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە تەڭرىتاغ تورى خەۋەر بېرىپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىپ تەربىيەلىنىدىغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 4000 نەپەر ئىكەنلىكىنى، 2011-يىلى بۇ خىزمەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن جەمئىي 45 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى سىياسىي-ئىدىيە «تەربىيە» سىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى دىققەت نۇقتىسى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشسىزلىق ئېغىرلاشقان، ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار «قايتا تەربىيە» گە ئەۋەتىلىۋاتقان، يېزا ياشلىرى «خەلق ئىشچىسى» دېگەن ناملاردا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان شارائىتتا، رايوندىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ «ئىختىساسلىق خادىملار» دېگەن نامدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى ئىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەر خىل ناملاردا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھوقۇقسىزلاندۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش 28 مىڭ نەپەر خىتاي «ئىختىساس ئىگىسى» نى قوبۇل قىلىش ئېلانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى خاتا سىياسىتىنىڭ يەنە تەكرارلىنىشى بولۇپ، بۇ خىل تەڭسىز سىياسەت رايوندىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىكەن.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە رايوندىكى بۇ خىل تەڭسىز سىياسەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوت پىلتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.