يەكەندە مۆتىۋەر ۋە نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابلىرىغا قارىتىلغان نۇقتىلىق تەقىب كۈچەيتىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسى ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنى خورلۇققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە «ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىگە دۆلەت مارشىنى ئوقۇتۇش» قىلمىشى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم تارقىلىپ غۇلغۇلا بولغان تېمىلارنىڭ بىرى بولغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ھەر ساھە مۆتىۋەرلىرىنى «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» ئويناشقا سېلىشىغا ئوخشاش بۇ خىل روھىي جەھەتتىن خورلاشنى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

يېقىندا بىز مەزكۇر فىلىمنىڭ قەيەردە، قاچان ۋە قانداق تارتىلغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، بۇنىڭ يەكەندە يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا قاراتقان دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«كىچىك ئالما ئۇسۇلى» ئويناش، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇش، پارتىيىگە قەسەم بېرىش، خىتايلار بىلەن سۈنئىي دوست ۋە ھەتتا تۇغقان بولۇش دېگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسى ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى، نۆۋەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيە يىلى خىزمىتى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار بويىچە دېھقان-چارۋىچىلارغا تەشۋىقات تەربىيە يەنىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە چىققانلىقى تۈرلۈك ئىنكاس ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارالغان سىن كۆرۈنۈشى بۇنىڭ بىر نامايەندىسى. جاي-جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تۈرلۈك شەكىلدىكى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان تېخىمۇ خورلاش كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنىڭ دېھقانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغانلىقى، يېقىندا يەكەندىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر ئارقىلىق رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىندى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا «ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىگە دۆلەت مارشىنى ئوقۇتۇش» دەل يەكەن ناھىيە بەشكەن بازىرى باغتوغراق كەنتىدە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۆتىۋەر مويسىپىت، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرىنى يىغىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ئىكەن.

گەرچە بىزگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگۈچى كىشى ئۆزىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكىنى، سۈرەتتىكى كىشىلەرنىڭ باغتوغراق ۋە ئودا كۆل، تۆمۈر غوجا كۆل دېگەندە ئوخشاش جايلاردىن يىغىپ كېلىنگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرى ۋە دىندار مويسىپىتلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىر قانچىسىنى تونۇسىمۇ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بايانىغا قارىغاندا بۇ فىلىمدىكى ئوتتۇرىدا تۇرغان دوپپىلىق مويسىپىت كىشى يۇرت چوڭلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ قۇدىسى «مەمتىمىن رامبو» دەپ نامى بار ساخاۋەتچى كىشى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەن دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 7 يىللىق قاماققا ئېلىنغان. بۇ مۆتىۋەر يۇرت چوڭلىرى بىلەن بىرلىكتە، قۇدىسىنىڭ ئادالەتسىز جازاغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە نارازىلىق پىكرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۆتىۋەر سىياسىي تەقىپلەرگە ئۇچرىغان، فىلىمدا تەسۋىرلەنگىنىدەك ئۇلارنىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇشقا مەجبۇرلىنىشىمۇ، بۇ مويسىپىتلارغا ئېلىپ بېرىلغان شۇ خىلدىكى سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامما بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولسىمۇ، ئەل-يۇرت مۆتىۋەرلىرى تارتقان خورلۇقىغا چىداپ تۇرالمىسىمۇ، نۆۋەتتە يەكەندە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق تەقىب سەۋەبلىك ئۇنىنى يۈتۈشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

دائىرىلەرنىڭ يەكەندە يۈز بەرگەن «2014-يىلىدىكى 28-ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دىن كېيىن، يەكەنگە قاراتقان تەقىب قىلىشنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، يەكەن ناھىيە باغتوغراق كەنتى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، بىر ياردەمچى ساقچى تېلېفون ئالغان بولسىمۇ، مويسىپىتلارنى دۆلەت مارشى ئېيتقۇزۇشقا دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇشتەك بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

بىز يەكەن ناھىيە ئودا كۆل بېشى ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر ئائىلىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياشانغان ئايال، ئۆيدە يالغۇزلۇقى، دەم ئېلىشقا چىققان ئېرى، بالىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش، كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئويناشقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك ئۇنداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتنىشالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئايالنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ئۆكتەبىر كىرىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەر قايسى ئورگانلاردىن خىزمەتكە چۈشكەن يېڭى نۆۋەتلىك كادىرلارنىڭ ھەر قايسى كەنت ۋە مەھەللە كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىكتە يەكەن ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنت، مەھەللىلىرىنى قاپلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ خىزمەتكە دائىرىلەر «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى»نى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش دەپ نام بەرگەن. ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى خىتايلار ئىگىلىگەن. ئەمما بۇ ئايال ئۆزىنىڭ مەھەللىسىگە بۇ خىتاي «تۇغقانلار»نىڭ تېخى كىرمىگەنلىكىنى، باشقا مەھەللىلەرگە كىرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 870 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلامغا خىزمەتكە يېڭىدىن چۈشكەن بۇ خىتاي كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە دائىرىلەرمۇ يېقىندا خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يەكەندە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرەيلى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش، ناخشا ئېيتىش، ئىمزا ئېتىش، قەسەم بېرىشتەك پائالىيەتلەر كۈچەيتىلگەن. يېقىندا قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ روھى بىلەن يەنە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىرىكمە پائالىيەتلىرى يەنىمۇ زورايتىلغان.