رابىيە قادىر خانىم: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا يەنە بىر قېتىم غەلىبە قازاندۇق»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت ھەيئىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا چاقىرىلغان «7-نۆۋەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى»دە قىلغان 3 مىنۇتلۇق نۇتقىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھەيئىتى ب د ت غا شۇنچە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ يىغىندا نۇتۇق سۆزلىشىنى توسالمىغانلىقىنى، بۇ ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسىنىڭ ھەققانىي دەۋا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتايغا قارشى يەنە بىر قېتىم غەلىبە قازانغانلىقىنى ئېيتتى.

26-نويابىر كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا رابىيە قادىر خانىم نامىدا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، 3 مىنۇت نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بۇ يىغىندا رۇسىيە، پاكىستان، ئىران ۋە كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاينى قوللىغان بولسىمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوللىدى. بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، د ئۇ ق باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلار قاتناشتى.