«جۇڭگو چۈشى» نى ئۇيغۇر خەلقىمۇ چۈشەمدۇ؟

0:00 / 0:00

«ھازىر خىتاي كومپارتىيەسى ‹جۇڭگو چۈشى› دىن ئىبارەت سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئاتالمىش ‹جۇڭگو چۈشى› خىتايلارنىڭ چۈشىدۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چۈشى بولالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە پەقەتلا ئۆزىگىلا خاس بولغان ‹ئۇيغۇر چۈشى› مەۋجۇت!»

ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن چوغلۇق خانىم نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان «جۇڭگو چۈشى» نەزەرىيىسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى قاراشلىرىنى تەكىتلىدى.

2012-يىلىنىڭ ئاخىرى شى جىنپىڭ تەختكە چىقىشى بىلەنلا «جۇڭگو چۈشى» نەزەرىيىسى خىتايدا كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىنغان. «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى ئۆزىگە يادرو قىلغان بۇ سىياسىي چاقىرىق ئوخاشاشلا ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدىمۇ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى پىلانلىق تۈردە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نازارەت دەرىجىلىك ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ئەمەلدارلار، خەلق ئىچىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە جامائەت ئەربابلىرى شۇنىڭدەك دىنىي ساھەدىكى كومپارتىيىگە مايىل زاتلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «جۇڭگو چۈشى» نەزەرىيەسىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان. چوغلۇق خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز بۇ يىل مارتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭنىڭ شۇنيى رايونىدىكى ياڭجېن 1-ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭگو چۈشى» بويىچە لېكسىيە سۆزلىگەن.

بۇ يىل ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا نازارەت دەرىجىلىك ھوقۇق تۇتۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى ئابدۇراززاق تۆمۈر «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى سانىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلايلى» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەمدە ‹جۇڭگو چۈشى› نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش» قا چاقىرىق قىلغان. چوغلۇق خانىم ئابدۇراززاق تۆمۈرنىڭ ماقالىسىنى تەنقىد قىلىپ، ئاتالمىش «جۇڭگو چۈشى» نىڭ پەقەتلا خىتايلارنىڭ مەنپەئەتى چىقىش قىلىنغان سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چۈشى بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.