ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئوپالدىكى قەبرىسىنى پۇل تۆلەپ زىيارەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى ئۇيغۇر ئېلى ۋە مۇھاجىرەتتىكى جامائەتچىلىك ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىللاردىن كېيىن باش شتابى بېيجىڭدىكى جۇڭكۇن گۇرۇھى كۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قەشقەرگە تىكىپ جىددىي تۈردە يەر ئىگىلەشكە باشلىغان. بىرقانچە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپتونوم رايون ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى جەھەتتە ماسلىشىشى بىلەن، جوڭكۇن گۇرۇھى قەشقەر تەۋەسىدە 7 تارماق شىركەت قۇرغان. ئۇلار قەشقەردە ئۆي-مۈلۈك ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت پايدىسى زور تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قەشقەردىكى قەدىمىي تارىخىي ئىزلار، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ھەمدە مىللىي ۋە يەرلىك مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى بىر-بىرلەپ قولغا كىرگۈزۈۋالغان.
يېقىنقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەشقەردىكى يۈسۈپ خاس ھاجىب مەقبەرىسى، مەھمۇت قەشقەرى مازىرى، ئاپاق غوجا مازىرى شۇنىڭدەك قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي ئولتۇراق مەھەللىلىرى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ پايدىلىنىش ھوقۇقى پۈتۈنلەي دېگۈدەك جۇڭكۇن شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن تارىختىكى مەشھۇر شەھەر - قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭكۇن گۇرۇھىنىڭ زور ئىقتىسادىي پايدا ئۈندۈرۈۋالىدىغان كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغان.
گېرمانىيە گۆتتېنگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتە رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم بەزىدە گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن بىللە، بەزىدە ئۆزى يالغۇز قەشقەردە ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ئىگىلىۋالغان جۇڭكۇن گۇرۇھى زور ئىقتىسادىي پايدىنى كۆزلەپ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا چەكلىمە پەيدا قىلغان. ئوپالدىكى مەھمۇت قەشقەرى مازىرى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدىن ساياھەتكە كەلگەن زىيالىيلار، شەھەر ئاھالىلىرى، دېھقانلار ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم زىيارەت قىلىدىغان جايى بولغان. بولۇپمۇ ئوپال ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى ھەمدە قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەر يىلى بۇ يەرگە يىغىلىپ، ھەزرىتى موللام مازىرىدا تاۋابەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ۋەھالەنكى، جۇڭكۇن گۇرۇھى بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن مەھمۇت قەشقەرى مازىرىنى ئىگىلەپ، ئەتراپىغا تام سالغان ھەمدە زىيارەتچىلەرگە كىرىش بېلىتى سېتىپ زور پايدا ئالماقتىكەن.
دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر مەھمۇت قەشقەرى مازىرىنىڭ كىرىش بېلىتى 40 يۈەن بولۇپ، مازارلىقنىڭ ئىچىگە قۇرۇلغان مۇزېي ئۈچۈن يەنە ئايرىم بېلەت ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. يەرلىك خەلق ھەتتا مازارلىقنىڭ ئىچىدىكى جامەدىمۇ ناماز ئوقۇيالمايدىكەن. بۇ يەرگە زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى 40 يۋەنگە بېلەت ئالالمىغاچقا، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مازىرىغا كىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئالىمى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن خىتاي شىركىتىگە پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئاچچىق ئويلاندۇرماقتا.