تورونتودا نامايىش: خىتايلار زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن!

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىتاينىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىغا 65 يىل، شۇنداقلا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىنغانلىقىغا 59 يىل بولغان كۈن.

خىتاي كونسۇلى ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، «خىتايلار زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن» دەپ شوئار توۋلىدى.

ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى نامايىش كانادادىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى.