شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ ئۇپۇقلىرى ۋە خىرىسلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن بىر كۈن داۋاملاشتى. مۇھاكىمىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئەنۋەر توختى «بىچارە خەلق» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇربانلىققا ئايلاندۇرۇش ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئويۇنلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئامېرىكىدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دوكتور ئەسەد سۇلايمان «تەسەۋۋۇردىكى ۋەتەن ۋە مىللىي كىملىك» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار ۋەتەن سىرتىدا دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي كرىزىس ھەققىدە توختالدى. كانادالىق ئۇيغۇر يازغۇچى غۇلام ئوسمان، «كېچە ھەرقانچە قاراڭغۇ بولغانسېرى، كۈندۈز شۇنچە يورۇق بولىدۇ» دېگەن تېمىدا، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئابلاجان لەيلىنامان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەلقئارا سوتتىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە سوز قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ئىليار شەمشىدىن، ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە قىزغىن مۇنازىرىلەر بىلەن داۋام قىلدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سۆزلىگۈچىلەردىن بەس-بەستە سوئال سوراپ، ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.