شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ ئۇپۇقلىرى ۋە خىرىسلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ ئۇپۇقلىرى ۋە خىرىسلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ۋەتىنى سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلار زۆرۈر تېپىپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا تەۋسىيىلەر تۈزۈپ چىققاندىن باشقا، ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك تۈپ پرىنسىپلار، يەر ناملىرى، ستاتىستىكا ۋە ئىسىملار ھەققىدىكى ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا قوللانما ماتېرىيالى تۈزۈپ چىقىشنى قارار قىلدى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاق تاشلىق كىتابىنى تۈزۈپ چىقىش قارارىنى ئالدى. يىغىن يەنە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ سۆزچىلىرىنى ۋە بىتەرەپ كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كرىزىس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشنى ماقۇللىدى.

يىغىن ئاخىرىدا يەنە، ئۇيغۇر سىياسىي تەتقىقاتچىلىرىنى، دىنىي ئالىملارنى، پەلسەپەشۇناسلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېقىم شەكلىدىكى بىر مۇستەقىللىق يېتەكچى ئىدېئولوگىيىسىنى يېزىپ چىقىشنى ماقۇللىدى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلدى ۋە بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.