«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى مۇھىم تېما بولغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.12.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
kanada-awam-palatasi-xelqara-kishilik-hoquq-komiteti.jpg كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مەزكۇر كومىتېت رەئىسى ئانىتا ۋاندېنبېلد خانىم رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2018-يىلى 18-ئۆكتەبىر.
parlvu.parl.gc.ca

10-دېكابىردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا پايتەختى ئوتتاۋادىكى پارلامېنت بىناسىدا كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا كانادادىكى خىتاي دېموكراتلار تەشكىلاتى، ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ھەققىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا پايتەختى ئوتتاۋادىكى پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدەك رېيال ۋەزىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىدلەشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ بايانىدا ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلغاندا بىردەك خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر قامالغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى نەقىل ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئېتىبار ئارتىس ئەپەندى بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان زۇلۇمىنىڭ ئاللىقاچان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىنى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ۋەھشىيلەرچە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

يىغىنىدىن كېيىن ئېتىبار ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كونكرېت تەلەپلەرنى بايان قىلدى.

ئېتىبار ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى كانادا ھۆكۈمىتىگە قويغان تەلەپلەرنى تۆۋەندىكىدەك تۆت نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن ئىكەن:

1. كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش.

2. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامىغان 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق بىگۇناھ خەلقلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش.

3. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا «ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاشنى يولغا قويۇش.

4. كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى تەلەپ قىلىش.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئەپەندى مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىرنەچچە كۈنلۈك تەييارلىق يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ پرېزېدېنتى ۋە قۇرغۇچىسى مەجىت ئەلشاپىنىڭ تەكلىپى بىلەن كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تۆت نەپەر ئىدارە ھەيئىتى 6-دېكابىر كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تورۇنتودا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان تەييارلىق يىغىنغا قاتناشقان. يىغىنغا كانادادىكى خىتاي دېموكراتلار تەشكىلاتى، ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ھەققىنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. يىغىندا 10-دېكابىر «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىكى مەسىلىسىدە كانادا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.