ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىنغان نەق مەيدان مەلۇماتلىرى خوتەن ۋەزىيىتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
خوتەندىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلار ۋەزىيەتتىكى جىددىيچىلىك تۈپەيلى ھەتتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نۆۋەت بىلەن 24 سائەتتىن ئامانلىق ساقلاۋاتقانلىقى ياكى كەنت ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇلا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ئۆزلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن بۇيان بىر كۈنمۇ دەم ئېلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلار ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا سەپلىنىپ، ئۇدا 48 سائەتتىن كۈچ ئۇلاپ بىخەتەرلىك ساقلىماقتىكەن.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قارقى يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچى يېقىندىن بۇيان يېزا، كەنتلەردە ئامانلىق خادىملىرى يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىپ ئامانلىق ساقلاش ۋە كەنت ئىشخانىسىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش ئىشلىرىغا سەپلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى: «دېھقانلار نۆۋەت بويىچە كەنتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ياكى كەنت ئىشخانىسىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسى كەنت، مەھەللىلەردىكى نوپۇسنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە، بەزىلىرىگە ھەپتىدە بىر قېتىم، بەزىلىرىگە 20 كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دېھقانلارغا ئايرىم ھەق بېرىلمەيدۇ. ئۆتكەندە ‹ھاشار› ۋە ‹ھەقسىز ئەمگەك› نى بىكار قىلىش توغرىلىق ھۆججەت چۈشكەندە دېھقانلار خوشاللىقىدىن يىغلاپ كەتكەن ئىدى. ھازىرقى ‹كېچىلىك نۆۋەتچىلىك› مۇ ئەلۋەتتە ھەقسىز ئەمگەك تۈرىگە كىرىدۇ. ئەمما ئۆزىڭىز بىلىسىز، يۇقىرىدىن چۈشكەن ھۆججەتنىڭ بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ئاران يېرىمى ئەمەلىيلەشسىمۇ چوڭ گەپ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى جىددىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە يېزا،كەنتلەردىكى دېھقانلار ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىنىپ، گۇماندارلارنى ياكى قاچقۇنلارنى قورشاپ تۇتۇش ئىشىغا سېلىناتتى. ھازىر بولسا 24 سائەتتىن كەنتتە نۆۋەتچىلىككە سېلىنىۋاتىدۇ.»
بىز بۇ ئەھۋالنىڭ خوتەننىڭ ئەڭ يىراق ناھىيىسى بولغان نىيە تەۋەسىدىمۇ بار-يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن نىيە ناھىيەسىنىڭ رۇقىيا يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى ساقچى يېقىندا ساقچىخانىغا 4 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلغانلىقىنى، گۇما ۋەقەسىدىن كېيىن كېچە-كۈندۈز دەم ئالماستىن ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە مەزكۇر ساقچىدىن گۇما ۋەقەسىدىن كېيىن دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ كەنتتە كېچىلىك نۆۋەتچىلىككە سالىدىغان ئەھۋالنىڭ تەۋەلىكتە بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزنىڭ چەتئەل مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار!
يۇقىرىدا ساقچىلار بايان قىلغان، خوتەندىكى كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «ھاشار سېلىقى» دىن قۇتۇلغىنى بىلەن،كېچىلىك «نۆۋەتچىلىك سېلىقى» غا تۇتۇلغانلىقىدەك ئېغىر بىر رېئاللىقنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
0:00 / 0:00