يېقىندا قەشقەردە خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىچىك ئالما ئۇسۇلىغا سېلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنغان. بولۇپمۇ ئۇسۇلغا سېلىنغانلار ئىچىدە ئىماملارنىڭمۇ بولۇشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرمۇ بۇ ھەقتە بەس - بەستە مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا. ئاۋسترالىيىلىك خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىچىك ئالما ئۇسۇلىنى خەلققە مەجبۇرلىشىنى، سامانىڭ چەكلىنىشىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا قەشقەردە ئىماملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى مەيداندا ئۇسۇلغا سالغان ئىدى. بۇ مەزكۇر خىتاي تىلىدىكى «كىچىك ئالما» دېگەن ناخشا ئۇسۇلىغا دەسسەۋاتقانلار ئىچىدە ساقاللىق بوۋايلار، مومايلار، ھەتتا ئاق پەرەنجە كىيىپ، ساقال قويۇۋالغان ئىماملار بار ئىدى. ئۇلار تولىمۇ قولاشمىغان پۇت - قول ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. كىشىگە خۇددى سېرىك ئۆمىكىدە كۆندۈرۈلگەن مايمۇن ئويۇنى كۆرۈۋاتقاندەك تەسىر بېرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئويلاپ چىققان ئامالىنىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرىنى ئۇسۇلغا سېلىش بولغانلىقىنى يازغان ئىدى. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قەشقەردە ئون مىڭلاپ كىشىنىڭ كىچىك ئالما ئۇسۇلىغا سېلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدىمۇ ياخشى ئىنكاس قوزغىمىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنى كېرەكسىز بىر ھاماقەتلىك، دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا «بۇ ئۇسۇلنى كۆرۈپ ئالما يىگۈممۇ كەلمەيدىغان بوپ قالدى» دەپ ئىنكاس قايتۇرغىنىنى بايان قىلغان.
ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى داۋىد بروفى بولسا كىچىك ئالما ئۇسۇلىنىڭ كەڭ تەشەببۇس قىلىنىشى بىلەن يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ قەشقەردە سامانى چەكلىشىگە باغلاپ مۇلاھىزە قىلغان. ئۇ، ئاۋسترالىيە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى كىچىك ئالما» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسدە خىتايدا تېخى سابىق سىياسىي بيورو ئەزاسى بو شىلەينىڭ كىشىلەرنى «قىزىل ناخشا» ئېيتىپ، ئوقۇغۇچى بالىلارنى ئەتىگەندە دەرس باشلاشتىن ئاۋۋال، خىزمەتچىلەرنى ئىشقا باشلاشتىن ئاۋۋال ئىنقىلابى ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناتقان ئەھۋاللار بولغانلىقىنى، خىتايدا بۇنى يېڭىلىق دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنى كوللىكتىپ ئۇسۇلغا سلېىشىدا بىر سەۋەب بارلىقىنى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. داۋىد بروفىنىڭ مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلىدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ۋەكىل دىلنار ئابدۇللا يىغىندا بەزى ئۇيغۇر رادىكاللارنىڭ ھازىر ناخشا ئېيتىپ - ئۇسۇل ئوينىماسلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەتتا كىشىلەرنىڭ تويلاردىمۇ ناخشا ئېيتىپ - ئۇسۇل ئوينىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىدەك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مانا بۇ نوقتىدىن يولغا چىققاندا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇسۇل ئويناشقا تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق دىنىي رادىكاللارغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان : «كۆرۈنمەككە، بۇ كىشىلەر ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلانغان ئەمەس ياكى زورلاپ ئۇسۇلغا سېلىنغان ئەمەس. لېكىن ئۇسۇل ئويناشنى رەت قىلىش دېگەنلىك زور بىر قەھرىمانلىق بىلەن ئۆزىنى «مانا مەن بىر يوشۇرۇن دىنىي رادىكال» دەپ ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دىققەتنى ئۆزىگە تارتقانلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا جەمئىيەتتىن كېلىدىغان بۇ بېسىم ۋە يامان كۆزنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇسۇل ئوينىشىغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. دىلنار ئابدۇللا سۆزىدە دىنىي رادىكاللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا زور زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان كۆز قاراشتىكىلەر ئىسلامچە پۇرىتانىزىمگە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. دېمەك بۇ كۆز قاراش بويىچە بولغاندا، بۇ نۆۋەت بۇ مىڭلىغان كىشى خىتايچە زامانىۋى ناخشىغا ئەمەس، بەلكى بىر ئۇيغۇرچە مىلللىي ناخشىغا، مىللىيچە ئۇسۇلغا سېلىنىشى كېرەك ئىدى.»
داۋىد بروفى مۇلاھىزىسى داۋامىدا، ئەسلىدە بۇندىن تېخى 2 يىل ئاۋۋالغىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىمۇ تۇتۇپ باققانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا بالىلارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ساما ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ھەتتا پەيزىۋات ناھىيىسىدە 5000 كىشىلىك دولان ۋە ساما ئۇسۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سامانى ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىشىشتىن ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى بىر ۋاستە دەپ قارىغان، دەيدۇ. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە نېمە سەۋەب بولغان ئىدى؟ ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ سامانىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا بولغان خاتا چۈشەنچىدىن پەيدا بولغان. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ساما ئەسلىدە بىر ئەرەبچە سۆز بولۇپ، سوپىچىلىق ئەنئەنىسى بويىچە ناخشا ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان ئېتىقادى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلەيدىغان بىر سۆز ئىدى. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، سامانىڭ چەكلىنىشىگە قەشقەردە بىر باشلىقنىڭ مانا بۇنى تونۇپ يېتىشى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە ئۆزى ئاڭلىغان، خەقنىڭ ئاغزىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر ۋەقەنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن : «تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەردىن قارىغاندا، قەشقەر شەھەر باشلىقى ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا ساماغا قاتنىشىپ قالغان. بىراق ئۇ ئەتراپىدا ساما ئويناۋاتقانلارنىڭ «ئاللاھ» دەپ توۋلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگىنىدە ئۇنىڭدا ساماغا نىسبەتەن يامان كۆز قاراش پەيدا بولغان. گەرچە بۇ گەپنىڭ راست - يالغانلىقىنى دەلىللەش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شۇندىن بۇيان قەشقەردە مەكتەپلەردە ساما ئويناش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ. قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدىمۇ ئىلگىرىكىدەك ساما ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. مەيلى بۇ يەردە قەشقەر شەھەر باشلىقىنىڭ ئىدىيىسىدىكى بۇرۇلۇش بۇنىڭغا سەۋەب بولغان بولمىسىۇن، ئەمما ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى تۈپتىن ئۆزگەردى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كىچىك ئالما ئۇسۇلىغا ئوخشاش مۇشۇنداق ھەرىكەتلىرىنى دۆلەت قولى ئارقىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، دېگىنىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»
داۋىد بروفى مۇلاھىزىسىنى مۇنداق دەپ ئاياقلاشتۇرغان : « ئۇيغۇر ئېلىدا سامانىڭ تەقدىرى نېمە بولىدۇ، بۇنى پەقەت ۋاقىت كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەمما ئىشنىڭ قىزىقارلىق يېرى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن سامانى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «كىچىك ئالما»غا ئوخشاش زامانىۋى ناخىشىلارنى دەسسەتسە، ئۇ ھالدا ئۇلار دەل ئىسلامچىلار قىلالمايۋاتقان ئىشنى قىلىپ بەرگەن بولىدۇ. يەنى، رادىكال ئىسلامچىلار ئەزەلدىن بېرى قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلگەن سوپىچىلىقنى يوقىتىپ بەرگەن بولىدۇ.
0:00 / 0:00