لاۋرېن خانسېن: «‹خىتايچە تەرەققىيات› ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ‹مەدەنىيەتلەر ئۇرۇشى› نىڭ مەنبەسى!»
پروفېسسور لاۋرېن خانسېن بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشكە بارغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىندا بايان قىلماقچى بولغانلىرىنىڭ ئاساسەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قول ماتېرىياللار ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى سۆز قىلغۇچىلارنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئۆزى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان پىكىرلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەچ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز مۇشۇ رايون ھەققىدە ئەندىشىدە بولۇۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن بۈگۈن مەن نۇقتىلىق قىلىپ بۇ جايدا ھازىر نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالماقچىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغانلىرىم پۈتۈنلەي ئەمەلىي پاكىتلار ئاساسىدا تەييارلانغان. ئەمما مەن 2013- ۋە 2014-يىللىرىدىكى بىۋاسىتە تەكشۈرۈشتىن كېيىن بۇ رايونغا بېرىپ باقمىدىم، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى ‹ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى› نىڭ بىر-بىرىدىن ئېسىل پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئىگىلەپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ نەق مەيدان خاتىرىسى ھەمدە كېيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھازىرقى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللارنى خۇلاسىلەپ چىقماقچىمەن.»
لاۋرېن خانىم ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئېگىز بىنا سېلىشنى تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىق، دەپ قاراشتەك چۈشەنچىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتىنى يوقىتىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى باي قىلدۇق» دېگەنگە دەستەك قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل تېپىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن 2013-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغىنىمدا تەتقىق قىلغىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. قىلالىغان ئىشىم شۇ بولدىكى شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ كۆرۈلۈۋاتقان غايەت زور ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. شۇ ۋاقىتلاردا غايەت زور كۆلەملىك ‹خىتايچە تەرەققىيات› ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، قەشقەرنى ‹يېڭى شېنجېن› غا ئايلاندۇرۇش، ‹ئۈرۈمچىنى بېيجىڭنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتقان خىتايچە شەكىلدىكى مەركىزى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش› دېگەنلەر جىددىي ئىجرا بولۇۋاتقان ئىكەن. شۇ چاغلاردا مەن نۇقتىلىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئەمما سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئوتتۇرا قاتلام ئۇيغۇرلىرىغا دىققەت قىلدىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تەرەققىيات› ئارقىلىق ئاز دېگەندىمۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىشىلەر دەل ئەنە شۇ مەقسەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلەتتى. مەن مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ شەھەرلىشىش بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرا قاتلىمىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدەندىم.»
ئەمما ئۇ تېزلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەرەققىيات» مەنزىرىسىنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ «تەرەققىيات» شوئارى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان بۇ رايونغا يۆتكەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سان جەھەتتە تېزدىن كۆپەيگەنلىكىنى بايقىغان. «خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددى ئىچكىرىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا تەرەققىياتتىن ماددىي مەئىشەت بارلىققا كەلگىنىگە ئوخشاش، شىنجاڭ رايونىدىمۇ تەرەققىيات ئۈچۈن مۇقىملىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، تەرەققىيات بولغاندا مۇقىملىقنىڭمۇ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئەمما ئۇلار بۇنى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىلدىكى ‹خىتايچە تەرەققىيات› غايەت زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېزلا بۇ جايدا يەرلىك خەلقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتۈۋالدى. نەتىجىدە يەرلىكلەرنىڭ ئۇلار بىلەن تىركەشكۈدەك قۇۋۋىتى قالمىدى. بۇنى ‹مۇقىملىق› دېسەكمۇ، ‹تىركىشىشكە ماغدۇر بولماسلىق› دېسەكمۇ بولىدۇ.»
«مېنىڭ شىنجاڭدىكى ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى تەتقىقاتىم (مەن «شىنجاڭ» دېيىشكە ئادەتلىنىپ قاپتىمەن، ئەيىبكە بۇيرۇمايسىلەر) دەل مۇشۇ ئوتتۇرا قاتلام ئۇيغۇرلار ھەمدە بۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدىكى ‹تەرەققىيات› نىڭ راستىنىلا ‹مۇقىملىق› قا موھتاج ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە بولدى. دەرۋەقە ‹خىتايچە تەرەققىيات› كۆپلىگەن ئامىللارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلغان ‹مۇقىملىق› ۋەزىيىتى بولدى. بۇ ھال 2015-يىلى ئەڭ تىپىك بولدى. بۇ مەزگىلگە قەدەر شىنجاڭنىڭ شىمالىغا مەركەزلىك تارقالغان خىتاي نوپۇسىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسىدا ئانچە روشەن ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلمىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ئۆسۈشىدە بەكمۇ زور پەرقلەر ئاشكارا بولدى: 1999-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى ئاساسەن مۇقىم بولۇپ كەلدى، ئەمما بۇ مەزگىلدە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىشى بەكمۇ تېز بولدى.»
لاۋرېن خانىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا روياپقا چىقارغان «تەرەققىيات» تا شەخسلەرنىڭ بايلىقى ئەمەس، بەلكى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى تېزدىن زورايغان، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىنى ھەقىقىي مەنىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زۆرۈر بولغان تەدبىرلەر بولسا بىر چەتتە تاشلىنىپ قالغان. «بۇ ھال شىنجاڭدا بەكمۇ ئۆزگىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى: ئىچكىرىدىكى شېنجېن، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا كىشىلەر دەماللىققا ئۇ جايلاردا كۆپلىگەن خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ، ئەمما شىنجاڭدا ‹تەرەققىيات› ئامىلى ھەرقاچان دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ‹تەرەققىيات› ھەرقاچان ئاممىۋى خاراكتېردىكى گەۋدىلەرنىڭ زورىيىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، ساقچى سىستېمىسى ۋە ئامانلىق تەدبىرلىرى دەل ئەنە شۇنداق بولدى. ئەمما كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى چۆللۈك. ئەگەر بۇ چۆل رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن سۇ بايلىقى، قاتناش مەسىلىسى، توك ئىشلىرى دېگەندەك ئەمەلىي ۋاسىتىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما 21-ئەسىردىكى شىنجاڭنىڭ ‹تەرەققىيات›ئىدا بىز باشقا ئاممىۋى گەۋدىلەرنىڭ بىردىنلا زورايغانلىقىنى كۆردۇق.»
لاۋرېن خانىم بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان «خىتايچە تەرەققىيات» سىياسىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى باي قىلغانلىقىنى كۆرگەن. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە باش كۆتۈرگەن بۇ «ئوتتۇرا قاتلام» كىشىلىرى بىلەن باشقا تۈركۈمگە مەنسۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قارىشى جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۇنى بەكمۇ قىزىقتۇرغان. «مۇشۇ مەزگىلدە بىز بىر قىسىم مىللىي ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى غەيرىي رەسمىي شەكىللەردە باش كۆتۈرگەن بولسا، بەزىلىرى رەسمىي يوسۇندا سىستېمىلىق تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، ‹ئارمان› سودا شىركىتى، يەنە كۆپلىگەن پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ۋە بىر قىسىم چېگرا ھالقىغان سودىگەرلەر ئەنە شۇنداق بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتە تونۇلغان كىشىلەر بولۇپ، تېزلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئوتتۇرا قاتلام كىشىلىرى بولۇپ تونۇلدى. بولۇپمۇ مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭدىكى چېگرا ھالقىغان سودىلارنى قىلىۋاتقانلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار بولۇپ كەلدى.»
«بۇ جەرياندا مەن ئۇچراشقان ھەمدە كۆپ قېتىملاپ سۆھبەتلەشكەن كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق شەھەرلەرنى ‹مەدەنىيەت پايتەختى› قىلىپ كەلگەن، ئەمما قولىدا بايلىق يوق كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى بايقىدىم. مەسىلەن، ئىچكىرىدىكى ‹شىنجاڭ سىنىپلىرى› دا ئوقۇغان، ئەمما تازا توي قىلىدىغان ياشقا كەلگەندە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز قالغان، گەرچە ئۇلار خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللارنى ياخشى بىلسىمۇ ئۇلارنى ھېچكىم ئىشقا ئالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە غايەت زور بايلىق توپلىغان، ئەمما مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان كىشىلەرنىڭمۇ خېلى بارلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمۇ مەدەنىيەت قارىشى جەھەتتە ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن پاراڭلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىچە، بىر تۈركۈمى ‹كونىچە› كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن دىندار ئائىلىلەر، يەنە كېلىپ يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ قارىلىدىغانلار ئىكەن؛ يەنە بىر گۇرۇپپا بولسا ‹ئىدىيەسى ئوچۇق› ۋە يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىدىغانلار ئىكەن.»
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ خىل پىكىر ئىختىلاپى ھەرقايسى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ مائارىپ قارىشىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەرمۇ بۇ خىل «مەدەنىيەت ئۇرۇشى» نىڭ قايناملىرىدا ئوخشاش بولمىغان دۇنيا قاراشتىكى بىلىم مەركەزلىرىگە بېرىشنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان. «مائارىپ ساھەسىگە كەلسەك، بۇ خىل بۆلۈنۈش مائارىپ ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى يوشۇرۇنچە يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا بەرگەن، چۈنكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئائىلىلەر رەسمىي مەكتەپلەرگە ئىشەنچى قالمىغاچقا شۇنداق قىلغان؛ ئىقتىسادىي ئەھۋلى ياخشى بولغانلار بالىلىرىنى ‹ئاتلان› قاتارلىق تىل مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىپ، مەلۇم مەزگىل ئىنگلىزچە ئۆگەنگەندىن كېيىن چەتئەللەرگە ماڭدۇرىۋەتمەكچى بولغان، باياتىن بىز تىلغا ئالغان ئوتتۇرا تەبىقە كىشىلىرى بولسا بالىلىرىنى خىتايچە مەكتەپلەرگە بەرگەن. چۈنكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىردىن بىر تاللاش بولۇپ قالغان.»
مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى ئاۋغۇستقا كەلگەندە چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش تەدرىجىي يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئوتتۇرا قاتلام گۇرۇھىدىكىلەر بولسۇن ياكى دىندارلار تەبىقىسىگە مەنسۇپلىرى بولسۇن، ھەممىسى باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇشقا يۈزلەنگەن. بۇ ھال بولسا نۆۋەتتە ھەممىلا جاينى قاپلىغان «يىغىۋېلىش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.
0:00 / 0:00