لۇئىسا گرېۋ: «دىن خىتايچىلاشتۇرۇلسا ئۇيغۇرلار داۋاملىق ئۇيغۇر بولالمايدۇ!»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆز بولغاندا ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ يادىغا كېلىدۇ. لۇئىسا گرېۋ دەل مۇشۇ ساھەنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا خىتاي كومپارتىيەسى ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي سىياسەتتە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن باشلانغان «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك قورال بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر ھەرىكەت. ئۇنىڭ باش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېيجىڭدا، بۇنى تېزلەشتۈرۈۋاتقان ھەمدە بۇنىڭغا يانتاياق بولۇۋاتقان باشقا قوشۇمچە ئامىللارمۇ ئەلۋەتتە مەۋجۇت. كىشىلەر بۇ يىل (2018-يىلى) 1-فېۋرالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار ھەققىدىكى يېڭى نىزامىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆردى. بۇ قېتىمقى تۈزىتىلگەن نىزام ئىلگىرىكى نىزامغا بىرنەچچە يېڭى ماددىلارنى قوشقان. بۇ يېڭى نىزامدا دىنىي ئىشلار سىياسىتىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئەسەبىي دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقى، دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەمدە جىنايەتكە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى كونا نىزامدا ئادەتتىكى ئىشلار سانىلىدىغان دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى بۇ يېڭى نىزام بويىچە ئەمدى ئادەتتىكى ئىشلار ھېساپلانمايدىغان بولدى. بولۇپمۇ بۇ يېڭى نىزامدا ئالاھىدە قىلىپ ‹دىننى ۋاسىتە قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى دۆلەتنى پارچىلاش مەنئى قىلىنىدۇ› دەپ بەلگىلەنگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولىغىنىدەك بۇ قېلىپلىشىپ قالغان ‹بۆلگۈنچىلىك› ئاتالغۇسىنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلىدۇ»
لۇئىسا خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئىشلارغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقنىڭ بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئالىي رەھبەرلىكنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ئاستىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ھادىسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
«شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بەكمۇ يىراقتىن ئىزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. مېنىڭچە، بۇ خىل ئەسەبىي سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى 2017-يىلى ئۆكتبىر ئېيىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا قەدەر باغلاشقا بولىدۇ. شۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى. شۇلار قاتارىدا مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەينى ۋاقىتتا ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. ئۇ كىشى ئاخبارات ساھەسىگە قىلغان سۆزىدە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش-دىننىڭ كەلگۈسىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشتىكى زۆرۈر قەدەم، دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئىلگىرىرەك ۋاقىتقا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق بۇنىڭدىن دەل ئىككى يىل بۇرۇن ئېچىلغان ‹خىتاي مەملىكەتلىك دىنىي ئىشلار يىغىنى› غا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن بەش كىشى قاتناشقان. خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى 2001-يىلىدىن بۇيان بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىپ باقمىغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە سەپ تارتىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ ئۇنداق-مۇنداق يىغىن ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ يىغىندا شى جىنپىڭ ئالاھىدە قىلىپ ‹دىنىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بىز جەزمەن دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم› دەپ يوليورۇق بەردى.»
لۇئىسا خانىمنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيەسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ماھىيەتتە خىتاي بولمىغان بارلىق دىنىي جامائەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولۇپ، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ داۋام ئېتىشىگە خاتىمە بېرىشنى مۇھىم مەقسەت قىلغان ئىكەن.
«گەرچە ئىشلار بۇنىڭدەك بولمىسىمۇ، بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا خىتاينىڭ بىرلىكى ئۈچۈن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق ئامما ئۆز پائالىيەتلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالىي پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە مۇشۇ پرىنسىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم دېگەنلىك بولىدۇ. جۈملىدىن مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بەلگىلەپ بەرگەن ئىماملىرىمۇ مۇشۇنداق قىلىشى ھەمدە خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشى لازىم بولىدۇ. دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز بولغاندا بىزنىڭ يادىمىزغا دىنىي مەزمۇنلارنىڭ ھەرقاچان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كېلىدۇ. بۇ جەھەتتە تىبەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالساق بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ‹ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇش كېرەك› دېگەنلىكتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆز تەبىرى بويىچە بولغاندا خىتاي مەدەنىيىتى ئەمەس. ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ تەبىرى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس.»
ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى بىر قاتار بەلگىلىمىلەر ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇلار ئۆزئارا بىرلىشىپ رول ئوينىسا ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى تېزلا يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ ئېغىر بوھرانغا دۇچ كېلىدىكەن.
«شۇڭا دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋەيران بولۇشقا ئاپىرىدىغان بولغاچقا ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر بولالمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئەگەر بىز تېخىمۇ نېرىسىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرساق بۇ خىل يېتەكچى ئىدىيەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ تەختكە چىققان يىلى تارقىتىلغان مەخپىي ھۆججەت ‹9-نومۇرلۇق ھۆججەت› تە بەكمۇ ئاشكارا تەكىتلەنگەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ پۇقراۋى جەمئىيەت، ھوقۇقنى تەقسىملەش ۋە سوت سىستېمىسىنى مۇستەقىل قىلىش ھەمدە غەربلەشتۈرۈش دېگەنلەرنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. شۇڭا مۇشۇ ئىشلارنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى قەدەم-باسقۇچلىرىغا قارىساق، بۇنىڭ تولىمۇ تەرتىپلىك لايىھەلەنگەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق تېمىلىرىدىكى قانۇن-نىزاملارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز. گەرچە بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقتى بەكلا كېيىن بولسىمۇ، ئەمما تونى ئاللىبۇرۇن پىچىپ بولۇنغان ئىدى.»
لۇئىسا خانىم بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمران گۇرۇھ بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنى تولىمۇ قەبىھ ۋە دەھشەتلىك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مەركەزدىن تېخىمۇ كۆپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەبلىغى» ئېلىش، ئاندىن بۇنى تەقسىملەش جەريانىدا ئۆز چۆنتىكىنى توملاش ئارقىلىق «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلماقتا ئىكەن.
«بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا قوشۇمچە رول ئوينىغان يەرلىك ئامىللارمۇ مەۋجۇت. بۇ ئامىللار زالىملىق ۋە ھاكىممۇتلەقلىق شەكلىدە ھۆكۈمران پارتىيەنىڭ ‹دىنىي جامائەتكە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى لازىملىقى› نى تولۇق كۆرسەتتى ھەمدە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلدى. بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى يەرلىكتىكى بيۇكىرات ھاكىمىيەتنىڭ رولى بولدى. ئۇلار ھەرقاچان دۆلەتنى پارچىلاشقا ۋە ئىناق جەمئىيەتنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئەسەبىي ئىدىيەدىكى كىشىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ ‹كىشىلەر› ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق مەسىلىنى قانچە ئېغىر قىلىپ كۆرسىتەلىسە مەركەزدىن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئالالايتتى. بۇ خىل بيۇكىراتىك ‹ھاياجان› ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ بيۇكىراتىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ زورايتتى. يەنى بۇ يەردە نوقۇل مەنىدىكى ‹ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدا يارىتىش› خاھىشى مەۋجۇت ئىدى. پروفېسسور ئادريان زېنز تەپسىلىي بايان قىلغىنىدەك ‹ساقچى دۆلىتى› بەرپا قىلىشتا، نازارەت مېخانىزمى ئورنىتىشتا، مىڭلىغان ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› نى قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلار مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش نامىدا غايەت زور ‹ئىقتىسادىي كىرىم› ياراتتى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يىمىرىپ تاشلاشتا دەسلەپكى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن شاخلاپ چىققان «ئىتتىپاقلىق» شوئارى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەجبۇرىي شەكىلدە ياتلىق بولۇشىدا ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00